گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە 2020-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى» نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2020年07月24日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە 2020-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ۋەزىپە» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى.

  «ۋەزىپە»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2020-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا داۋالاش ئىسلاھاتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك، كېسەلنى داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ داۋالاش، داۋالىنىش كاپالىتى، داۋالاش-دورا ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈچەپ ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  «ۋەزىپە»دە 2020-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈز ۋە قىش پەسلىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى سەھىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك، يەرلىك كېسەللىك، كەسپىي كېسەللىك قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.ئۈچىنچى، دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ نەتىجە -ئۈنۈمىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى جانلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش ھەققى تۈزۈمى ۋە ئىشتات باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رايون سەھىيە يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. بەشىنچى، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دورا خورىما ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دورا خورىما ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىس دورىلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.