گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن دۆلەت يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىنى ئاچتى

日期:2020年07月24日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىنى ئېچىپ، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۈ نەنپىڭ، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە رايون يېڭىلىق يارىتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باۋ شيەنخۇا، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى مەشئەل مەركىزىنىڭ مۇدىرى جيا جىڭدۇن ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ چياڭلارنى «دۆلەت يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»گە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.