ساھە جەمئىيەتلىرىنى ئۈچ جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ جازالاش كېرەك

日期:2020年07月22日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- چېسلا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەق ئېلىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن سىياسىتىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ ئەيۋېن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ساھە جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان ھەق ئېلىش ھەرىكىتى قېلىپلاشقان بولماسلىق، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى مۇۋاپىق بولماسلىق، ھەق ئېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر بولۇش دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىن تەدبىر قوللىنىپ، ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ساھە جەمئىيەتلىرىدىن ھەق ئېلىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. ۋاڭ ئەيۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇقتۇرۇشتا ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىن تەدبىر قوللىنىپ، ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: بىرىنچىسى، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىپ، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ئىككىنچىسى، ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئاشكارىلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئۈچىنچىسى، ھەق ئېلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.

  ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئىلگىرىكى ھۆججەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىدا نۇرغۇن بۆسۈشلەر بولدى.

  قانۇنغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەھەتتە، «بەشنى قاتتىق مەنئى قىلىش» تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئۇيۇشمىغا مەجبۇرىي كىرگۈزۈش ۋە مەجبۇرىي ھەق ئېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت ھوقۇقىدىن ۋە ھۆكۈمەت ھوقۇق بېرىپ ھاۋالە قىلغان ئىشلاردىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش؛ ئۆلچەمگە يەتكەنلەرنى تەقدىرلەش پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ ھەق ئېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش؛ كەسپىي سالاھىيەتنى بېكىتىشتىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش؛ پەقەت ھەق ئېلىشنىلا بىلىپ مۇلازىمەت قىلماسلىق ياكى كۆپ تەرەپلەپ تەكرار ھەق ئېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى جىنشېڭ «كەسپىي سالاھىيەتنى بېكىتىشتىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش» دېگەن ماددىنى مىسال قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ گۇۋاھنامىسىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» ياكى «جۇڭگو» دېگەن خەتلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دۆلەت گېربى بەلگىسىنى ئىشلىتىشكىمۇ بولمايدۇ، ئۇنى دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

  ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئاشكارىلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، ئەزالىق بەدىلى ۋە تىجارەت مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى بېكىتىش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى ئېنىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئەزالىق بەدىلىنى بېكىتىش ئىشى ئەزالار يىغىنى ئارقىلىق ئىمزاسىز بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېكىتىلىش، تىجارەت مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشتا، مەلۇم مونوپوللۇققا ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە تۈرلەر، ھەمدە باھانى بازار ئارقىلىق تەڭشىگىلى بولىدىغان باشقا تۈرلەر ئايرىم-ئايرىم قېلىپلاشتۇرۇلۇش تەلەپ قىلىندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆججەتتە تەننەرخنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، يۇقىرى ھەق ئېلىشنى ۋاقتىدا تۆۋەنلىتىش كېرەك. دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى جۇ بەنشۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىسمەن ساھەلەردە، بولۇپمۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ساھە جەمئىيىتىدە يەنە ھەق ئېلىش يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت. بۇنىڭدا، پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى ۋە ئۆزئارا كاپالەت تۈرىدىكى جەمئىيەتلەرنى مىسالغا ئالساق، 2018- يىلى مەملىكەت بويىچە 20 گە يېقىن پۇل مۇئامىلە ۋە ئۆزئارا ئاپالەت تۈرىدىكى جەمئىيەتلەرنىڭ ئومۇمىي كىرىمى مەملىكەت خاراكتېرلىك جەمئىيەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %30ىنى ئىگىلىگەن، ئوتتۇرىچە كىرىمى مەملىكەت خاراكتېرلىك جەمئىيەتنىڭ 10 ھەسسىسىدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر ساھە جەمئىيەتلىرى ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى كېرەك. ساھە مەسئۇل تارماقلىرى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى، بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بەك يۇقىرى ھەق ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ھەق ئېلىشنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ساھە جەمئىيەتلىرى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارنى ئايرىۋېتىش ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. «ئايرىۋېتىش» ئارقىلىق مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتكەندىن باشقا، ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تورى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە جازالاش جەھەتتە، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى باھانى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى چېن جىجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 12315 سۇپىسىغا تايىنىپ، ئەرز قىلىش ۋە پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەگەر قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشى بايقالسا، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كارخانىغا بولغان ئىنكاسى كۈچلۈك ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى ناچار بولغانلارنى ئاشكارىلاش كېرەك.