ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنىڭ ساداسى تېخىمۇ ياڭراق بولسۇن

_ _ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ (52)

日期:2020年07月21日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كەينى-كەينىدىن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ خىرىسقا تاقابىل تۇردى، مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ھەمكارلىق بارغانسېرى كۈچەيدى.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە بىلەن بىرلىكتە، ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى يىغىنى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايون مۇنبىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يىغىنى 7- ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ۋىدىئو شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر يەنىلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا، بۇ قېتىمقى بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنى رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاش، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئېغىر كۈنلەردە ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بۇ مەزگىلدىكى ئالاھىدە كۈنلەردە، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتىكى ساداسى تېخىمۇ ياڭراق بولدى. مەسىلەن، تايلاند زۇڭلىسى پىرايۇت «تايلاند بىلەن جۇڭگو ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى» دېگەن ۋىدىئونى ھازىرلىغان، يەنە كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ سېننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئۆزئارا قوللايدىغان سەمىمىي دوستلۇقنىڭ ياخشى ئىزاھاتىدۇر. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى خەلقلەر جۇڭگو خەلقىگە پائال تۈردە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى ئىئانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا مەدەت بەردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى، كارخانا ۋە ئەلئارا ئاپپاراتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلىرىگىمۇ كۆپ قېتىم ئۇلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى، كامبودژا، لائوس، فىلىپپىن، بىرما ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. جۇڭگو يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كۆپ قېتىم جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مۇتەخەسسىسلەر ۋىدىئو مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى، يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تولۇق بەھرىلىنىپ، پائال ھەمكارلىشىپ، دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈردى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى كاڭ فۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى ئوخشىمىغان رايونلاردىكى دۆلەتلەرنى ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان قوللاش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىدى، بۇلارنى ئالاھىدە ماختاشقا ئەرزىيدۇ.

  يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشلەپچىقىرىشنى بىخەتەر ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ساغلام ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشتە، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئىستىقبالى تېخىمۇ كېڭەيدى. جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ئالدى بىلەن خادىملار بېرىش-كېلىش يولىنى بەرپا قىلىپ، رايون تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتناش مىنىستىرلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە يىغىنى يېقىندا ئېچىلدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ترانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا بىردەك قوشۇلۇپ، ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى %5.6 ئاشتى، ئۇ جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %14.7ىنى ئىگىلەيدۇ، نۆۋەتتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى. 2020- يىلى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەقەملىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىلى باشلاندى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى ۋە گۈللىنىشىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

  جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كەينى-كەينىدىن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇردى، ھەمدە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەمكارلىقى بارغانسېرى كۈچەيدى. جۇڭگو قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش ۋە قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، قوشنىلارنى خاتىرجەم قىلىش، قوشنىلارنى بېيىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر كەڭ ئېچىۋېتىلگەن كۆكسى-قارنى ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيەسى بىلەن رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ئاممىسىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، جۇڭگو بىلەن رايون دۆلەتلىرى يىل ئىچىدە رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھ مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ يېڭى كەلگۈسى كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىدۇ.