جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

日期:2020年07月21日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى «كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  يېقىندا، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق ئېقىن رايونى، دۇڭتىڭخۇ كۆلى، پوياڭخۇ كۆلى، تەيخۇ كۆلى قاتارلىق كۆللەرنىڭ سۇ ئورنى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ، چۇڭچىڭ، جياڭشى، ئەنخۇي، خۇبېي، خۇنەن، جياڭسۇ، جېجياڭ، گۈيجوۋ قاتارلىق جايلاردا ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈزبېرىپ، كىشىلەرنىڭ يارىلىنىشى ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  بىرىنچى، ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى كېرەك. يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئاپەت ئەھۋالىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئاپەت ئەھۋالىنى بۇيرۇق دەپ بىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى نۆۋەتتىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماسلىق، ئۇدا جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان مۇستەھكەم قورغان قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئاپەتكە ئۇچرىمىغان جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن پائال ھەرىكەتلىنىپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ كۈچىنى تەشكىللەپ، ئاپەت رايونىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ ۋە قوللاپ، سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى تارماقلارنى ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلىش، رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىستىھكامغا بۇزۇپ كىرىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىپ تەشكىللەش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى كۆزىتىپ پەرقلەندۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئىپادىسىنى كادىرلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى بايقاش ۋە سىناشقا يېتەكلەپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى ۋاقتىدا پارتىيەگە كىرگۈزۈش كېرەك.