«شى جىنپىڭ فوجوۋدا» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2020年07月21日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭنىڭ فۇجوۋدىكى خىزمەت ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن زىيارەت خاتىرىسى «شى جىنپىڭ فۇجوۋدا» يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى.

  1990-يىلى 4-ئايدا، شى جىنپىڭ فۇجيەننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىدىن ئۆلكە مەركىزىگە يۆتكىلىپ، فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، بۇ يەردە توپتوغرا ئالتە يىل خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا فوجوۋنىڭ تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى جەھەتتىن يېتەكلەپ، سىرت بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، فوجوۋنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  زىيارەت خاتىرىسى «شى جىنپىڭ فۇجوۋدا» جەمئىي 23 پارچە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن شى جىنپىڭنىڭ فۇجوۋدا خىزمەت قىلغاندىكى ئاساسلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ «مىنجياڭ دەرياسى ئېغىزى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك ئىقتىساد چەمبىرىكى» بەرپا قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش، «دېڭىز ئۈستى فۇجوۋ» قۇرۇش، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى قوغداش، كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش، خەلق تۇرمۇشىغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈش، كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ زىيارەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، «دەرھال بېجىرىش»نى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق جانلىق ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان، كۆڭلىگە پۈتۈن ۋەزىيەتنى پۈكىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى، دادىل تەدبىر قوللىنىدىغان، ئىلمىي قارار چىقىرىدىغان رەھبەرلىك سەنئىتى، پۇختا قەدەم ئالىدىغان، ئەستايىدىل، ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلى، خەلقنى كۆڭلىگە پۈكىدىغان، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان سەمىمىي قەلبىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرگەن.

  تارىخ فۇجوۋنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلىدى، شۇنداقلا يەنە شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىك سالاپىتىنى خاتىرىلىدى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ كىتابنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كىتابتىكى ھېكايىلەردىن چوڭ قائىدىلەرنى ئۆگىنىپ، ئائىلىدىن دۆلەت ھېسسىياتى چوڭ بولغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ھېس قىلىپ، كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدىن چوڭ ئەقىل-پاراسەت ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىدىن چوڭ دەۋرنى كۆزىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە لوگىكىسى ۋە ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتەلەيدۇ.