بۈگۈن سائەت نۆلدىن باشلاپ، بېيجىڭنىڭ توساتتىن يۈز بەرگەن ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىگە چۈشۈرۈلدى

日期:2020年07月20日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- چېسلا چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ھەققىدىكى 156- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 20- ئىيۇل سائەت نۆلدىن باشلاپ، بېيجىڭنىڭ توساتتىن يۈز بەرگەن ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسى ئىككىنچى دەرىجىدىن ئۈچىنچى دەرىجىگە چۈشۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى مۇناسىپ تەڭشىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 6- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرىدا توپلىشىش خاراكتېرلىك كىشىلەر توپىدىن پەيدا بولغان يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، بېيجىڭ ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللاندى، نۆۋەتتە پۈتۈن شەھەر بويىچە كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرى تۆۋەن بولۇپ، يۇقۇمنىڭ مەھەللىلەردىكى تارقىلىشى كونترول قىلىندى، يۇقۇمنىڭ بېيجىڭنىڭ سىرتىغا تارقىلىش خەتىرى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، نۆۋەتتە يۇقۇمنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان ھالەتتە تۇرماقتا، شۇڭا، ئىنكاس دەرىجىسىنى ئۈچىنچى دەرىجىگە تەڭشەش شارائىتى ھازىرلاندى.

  ھازىرغا قەدەر، بېيجىڭ شەھىرىدە يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەللەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيمىگىنىگە ئۇدا 14 كۈن بولدى، ھەمدە ئۇدا 16 كۈن مەھەللىلەردە كېسەللىك ئەھۋالى بارلىقى مەلۇم قىلىنمىدى، ئۇدا 19 كۈن كوللېكتىپ ئورۇنلار ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردىن ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، ئۇدا 29 كۈن باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە سېرتقا تارقىتىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. شىنفادى توپ سېتىش بازىرىنىڭ تاقىۋېتىلىش ھالەتتە تۇرۇشى يۇقۇمنىڭ ئىككى يوشۇرۇن مەزگىلى، يەنى 14 كۈندىن ئېشىپ كەتتى، 11 مىڭ 229 ئادەم مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشتىن بىكار قىلىندى، خەتەرلىك كوچىلارنىڭ ھەممىسى تازىلاندى، ئوتتۇرا ھال خەتەرلىك رايۇندىن پەقەت بىرىلا قالدى.