2020-يىلى مەملىكەت بويىچە 4400 كىلومېتىر ئەتراپىدا تۆمۈريول يېڭى لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى مۆلچەرلەندى

日期:2020年07月20日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 16-ئىيۇل جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 4400 كىلومېتىر ئەتراپىدا تۆمۈريول يېڭى لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول 2300 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولىدىكەن.

  دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان 115 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىش نۇقتىسى جەمئىي 8000دىن ئاشقان، مەيدانغا كىرگەن ئادەم 600 مىڭدىن ئاشقان؛ مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول تۇراقلىق مۈلكىگە 325 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشقان.

  كېيىنكى يېرىم يىلدا، يىنچۈەن-شىئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، بېيجىڭ- شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىنىڭ خېبېي بۆلىكى، خېفېي-ئەنچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، ليەنيۈنگاڭ- جېنجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ خۇەيجېن بۆلىكى، گېرمۇ-كۇچا تۆمۈر يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى، چۈجوۋ-نىڭدې تۆمۈريولى قاتارلىق 24 تۈردە قاتناش باشلىنىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن. پۈتۈن يىلدا قاتناش باشلىنىدىغان تۆمۈريول يېڭى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4400 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەنگەن.