مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

日期:2020年07月20日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، قانۇننى يولغا قويۇش داۋامىدا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەير-ساخاۋەت خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشىلاشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى. بۇ، خەير-ساخاۋەت قانۇنى يولغا قويۇلغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  17-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە سەنشى، لياۋنىڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، شەنشى، نىڭشيادىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى تەكشۈرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېيجىڭ، خېيلۇڭجياڭ، ئەنخۇي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن، يۈننەن قاتارلىق يەتتە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خەير-ساخاۋەت قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئاساسىدا، يانداش قانۇن-نىزام، قائىدىلەرنى تۈزۈش، خەير- ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، خەير-ساخاۋەت ئىئانە توپلاش ۋە ئىئانە قىلىش، خەير- ساخاۋەت مۇلازىمىتى، خەير-ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش، خەير- ساخاۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەير- ساخاۋەت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدىكەن.