6-ئايدا مالىيە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشتى

日期:2020年07月20日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئىيۇل مالىيە مىنىستىرلىقى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 6-ئايدا مالىيە كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئاشقان، ئېشىشى مەنپىي ھالەتتىن مۇسبەت ھالەتكە ئۆتكەن بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدىكى تۇنجى قېتىم ئايلىق مۇسبەت ئېشىش ھېسابلىنىدىكەن.

  1-ئايدىن 6-ئايغىچە جەملىگەندە، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 9 تىرىليون 617 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 4 تىرىليون 434 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 تۆۋەنلىگەن؛ يەرلىكنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىنىڭ ئۆز دەرىجىلىك كىرىمى 5 تىرىليون 182 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 تۆۋەنلىگەن. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باج كىرىمى 8 تىرىليون 199 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 تۆۋەنلىگەن؛ باجدىن باشقا كىرىم 1 تىرىليون 428 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 تۆۋەنلىگەن. 1-ئايدىن 6-ئايغىچە جەملىگەندە، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 11 تىرىليون 641 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىنىڭ ئۆز دەرىجىلىك چىقىمى 1 تىرىليون 634 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 تۆۋەنلىگەن؛ يەرلىكنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 10 تىرىليون 6 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 تۆۋەنلىگەن.