جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرى دۇنيا ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىدى

日期:2020年07月20日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، جۇڭگو كەڭ كۆلەمدە ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، بۇ ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى.

  ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، مەن كۆپ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ، يېزا ۋە شەھەر رايونلىرىنى زىيارەت قىلدىم، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلدىم، مېنىڭچە، جۇڭگو نامراتلىقنى ئازايتىش ساھەسىدە پەخىرلىنىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، دۇنياغا ئۈلگە تىكلەپ، دۇنيا نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، جۇڭگو كەڭ كۆلەمدە ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، بۇ ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى. دۇنيا بانكىسىنىڭ ھەر بىر ئادەمگە كۈنىگە 1.9 دوللاردىن ھېسابلايدىغان خەلقئارا نامراتلىق ئۆلچىمى بويىچە بولغاندا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا 800 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ پۈتۈن يەر شارىنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىشتىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ تەجرىبىلەر بولسا، ئەڭ نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوللانغان نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرى جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

  جۇڭگو ئادەتتە ئادەم كۈچى كاپىتالىغا ۋە يېزىلاردىكى ئەڭ نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى نامرات ئاھالىنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، بولۇپمۇ ئەڭ نامرات ئاھالىلەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلارنىڭ داۋالاش سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياشلارنى كەسپىي تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى.

  جۇڭگو بولسا ب د ت ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقى قۇرغان تۇنجى دۆلەت. جۇڭگو يەنە ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى نامراتلىقنى ئازايتىش جەھەتتىكى بىلىم ۋە تەجرىبىلەردىن داۋاملىق بەھرىمەن قىلىپ، مەبلەغ ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىرغا قەدەر، ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن جۇڭگونىڭ جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى پىلانىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلىغى 80 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.

  ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى يەنە جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش خەلقئارا مەركىزى، جۇڭگو ئالاقە تورى ئاخبارات مەركىزى، خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى ۋە دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىككى مۇھىم مېخانىزمنى ئورناتتى، بىرى بولسا ئىتالىيەنىڭ رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارى نامراتلىقنى ئازايتىش ھەمراھلىق مۇھاكىمە يىغىنى. يەنە بىرى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش خەلقئارا مۇنبىرى بولۇپ، بۇ ئىككىلىسى خەلقئارا نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى شۇكى، ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى يەنە جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش خەلقئارا مەركىزى بىلەن 2018- يىلى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان تەربىيەلەش كۇرسىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئافرىقىنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھىسىنى تەتقىق قىلدى.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى، ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ۋە بىزنىڭ جۇڭگودىكى ئىش بېجىرىش ئورنىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاپپاراتلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون ھالقىغان سۆھبەتلەرنى تەشكىللەپ، نامراتلارنى ئازايتىشقا ئالاقىدار ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىش، بىلىم ۋە تەجرىبىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى بويىچە نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.