2-پەسىلدە تاشقى مەبلەغنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشتى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشتى

日期:2020年07月17日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن توردا قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 1-ئايدىن 6- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 472 مىليارد 180 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1-پەسىلدىكىدىن 9.5 پىرسەنت پوئىنت تارايغان، 1-ئايدىن 5- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئىنت تارايغان، ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزلىمىدىن ياخشى بولغان.

  6-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 117 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشقان؛ 2- پەسىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 1-پەسىل (%10.8 تۆۋەنلىگەن) بىلەن سېلىشتۇرغاندا قايتا تەڭشىلىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش كۆزلىمىسى ۋە ئىشەنچى مۇقىم ياخشى بولغان.

  ساھەدىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 6- ئايغىچە، يۇقىرى تېخنىكلىق مۇلازىمەت كەسپى ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇر مۇلازىمىتى، تەكشۈرۈش، سىناق قىلىش مۇلازىمىتى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە لايىھەلەش مۇلازىمىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %20.9، %8.7 ۋە %35.7 ئاشقان.

  ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى جايلار ئىچىدە سىنگاپور، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي سالغان تاشقى مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7.8 ۋە %6 ئاشقان؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي سالغان تاشقى مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.9 ئاشقان؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلىي سالغان تاشقى مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئاشقان.