ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى

شال ۋە بۇغداي زاپىسى يېتەرلىك بولدى

日期:2020年07月17日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى ئومۇمىي جەھەتتىن تولۇق، بازار ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ۋە تەرتىپلىك بولدى، بەزى تۈرلەر خەلقئارا بازارلارنىڭ ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ قەۋەتلىمەك تەسىرىگە ئۇچراپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك زور دەرىجىدە داۋالغۇش كۆرۈلدى.

  شال ۋە بۇغداي بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى، باھا قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلدى. 6- ئايدا شال ۋە بۇغداينىڭ باھاسى سەل ئۆرلىدى، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇدا مول ھوسۇللۇق ۋە ئامبار زاپىسى يېتەرلىك بولغاچقا، شال، بۇغداي ۋە تۆۋەن ئېقىندىكى گۈرۈچ بازىرى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە چەكلىك دەرىجىدە ئۇچراپ، باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.