بېيجىڭدا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش 11 مىليون 880 مىڭ ئادەمنى قاپلىدى

日期:2020年07月17日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، بېيجىڭدا يەرلىكتە پەيدا بولغانلىقىغا دىئاگنوز قويۇلغان كېسەللىكنىڭ يېڭىدىن كۆپەيمىگەنلىكىگە ئۇدا 10 كۈن بولدى. ئوتتۇرا ھال خەۋپلىك رايون 3كە ئازايدى. 16- چېسلا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرىدا توپلىشىش خاراكتېرىنى ئالغان كىشىلەردە يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، بېيجىڭدا يەرلىكتە پەيدا بولغانلىقىغا دىئاگنوز قويۇلغان 335 كېسەل بارلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بىمار سانى 168، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار سانى 167 بولۇپ، دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلاردىن يېرىمغا يېقىن بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

  يېنىك تىپتىكى بىمارلارنى داۋالاشتا، ئۇلارنى جۇڭيى دورىلىرى بىلەن داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ. دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىققان بىمارلار ئىچىدە، جۇڭيى دورىلىرىنىڭ داۋالىنىشقا قاتناشتۇرۇلۇش نىسبىتى %100 كە يەتتى. بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ گوئەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئىچىدە يېنىك تىپلىق ۋە ئادەتتىكى تىپتىكى بىمارلارنى ئاساسلىقى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن داۋالاش ئاساس قىلىنىپ، كىلىنىكىدا داۋالاپ ساقايتىش ياكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش مەقسىتىگە يېتىلدى. ئېغىر ۋە ئىنتايىن خەتەرلىك كېسەللەرنى جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىرلىكتە داۋالىدى، جۇڭگو تېبابىتىدە دىئالېكتىك داۋالاش ئارقىلىق، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلدى، ئۇلارنىڭ نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى ۋە ECMO بىلەن ۋىدالىشىشىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، قۇتقۇزۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.