بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش نەتىجىسىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

2- پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى %3.2 بولدى

日期:2020年07月17日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتى «V» شەكىللىك تەتۈر ئايلاندى! دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 16- چېسلا سىرتقا ئېلان قىلىشىچە، دەسلەپكى ھېساباتتا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 45 تىرىليون 661 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، پەسىللەرگە بۆلۈپ قارىغاندا، 1- پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 تۆۋەنلىگەن، 2- پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مەنپىيلىكتىن مۇسبەتكە ئايلىنىپ، %3.2 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

  -- قولغا ئاسان كەلمىگەن "%3.2".

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى مىسلىسىز بولدى، دۇنيا ئىقتىسادى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، 2- پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۇسبەت بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى.

  بۇلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ ئەيخۇا مۇنداق دېدى: بۇلار پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش ئۈنۈمىنى نامايەن قىلدى.