يۇقۇم خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى كىنوخانىلاردا كېلەر دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تىجارەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

日期:2020年07月17日
来源:人民网
【字体:

  گىرەلەشمە ئورۇن ئايرىپ بېلەت سېتىلىشى، ناتونۇش تاماشىبىنلارنىڭ ئارىلىقى بىر مېتىردىن يۇقىرى بۇلۇشى، ھەر بىر مەيداندا ئولتۇرۇش نىسبىتى %30تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كىنو ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، يۇقۇم خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى كىنوخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، 7- ئاينىڭ 20- كۈنى تىجارەتنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردا ۋاقتىنچە تىجارەت قىلىنمايدۇ.

  مەزكۇر «دۆلەت كىنو ئىدارىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدا كىنوخانىلارنى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۇقۇم خەتىرى تۆۋەن رايونلار شۇ دەرىجىدىن يۇقۇم خەتىرى ئوتتۇرا ھال ۋە يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈپ تەڭشەلگەن ھامان، ئىلگىرى تىجارەت باشلىغان كىنوخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ۋاقتىدا تەلەپكە بويسۇنۇپ تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو كىنو تارقىتىش-قويۇش جەمئىيىتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان كىنو قويۇش سورۇنلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قوللانمىسىدىكى كىنو قويۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى تەلەپتە، توردا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئالدىن كېلىشىش، كىشىلەر ئارا كونتاكتسىز بولۇش ئۇسۇلى بويىچە بېلەت سېتىش تۈزۈمىنى قوللىنىش؛ گىرەلەشمە ئورۇن ئايرىپ بېلەت سېتىشنى يولغا قويۇش، ناتونۇش تاماشىبىنلارنىڭ ئارىلىقىنى بىر مېتىردىن ئارتۇق قىلىپ ئايرىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ھەر بىر مەيداندا ئولتۇرۇش نىسبىتى %30تىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەكلىكى؛ نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىشپ، نەق مەيداننى باشقۇرۇشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىنوخانا رايونىغا كىرگەن خىزمەتچىلەر ۋە تاماشىبىنلار چوقۇم پۈتۈن مۇساپە بويى ماسكا تاقاپ تۇرۇشى، نومۇر بويىچە ئولتۇرۇشى كېرەكلىكى؛ كىنو قويۇش سورۇنىدا پىرىنسىپ جەھەتتە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك سېتىلماسلىقى ۋە مەنئى قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.