ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشنى قوللاش ئۈچۈن 1 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەركەز ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلدى (كەلكۈندىن مۇداپىيە كۆرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش)

日期:2020年07月16日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئىيۇل، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىشخانىسى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن داۋاملىق بىرلەشمە كېڭىشىپ، يامغۇرنىڭ كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلىش ئەھۋالىنى يەنىمۇ تەھلىل قىلدى، نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. تاشقىن مەزگىلىگە كىرگەندىن بۇيان، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن كېڭىشىپ، مەركەزنىڭ ياردەم مەبلىغىدىن جەمئىي 1 مىليارد 755 مىليون يۈەن ئاجراتتى، دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىدىن 93 مىڭ پارچىنى يۆتكەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللاشقا ئىشلەتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 15-ئىيۇن سائەت 14تە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى غول ئېقىنىنىڭ جيەنلىدىن داتۇڭجياڭ دەرياسىغىچە بولغان بۆلىكى ۋە خۇبېي-خۇنەندىكى سۇ ئورنى يەنىلا ئاگاھلاندۇرۇش سۇ ئورنىدىن 0.09 مېتىردىن 2.63 مېتىرغىچە ئېشىپ كەتكەن؛ تەيخۇ كۆلىنىڭ ئوتتۇرىچە سۇ ئورنى 4.49 مېتىر بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن 0.69 مېتىر ئېشىپ كەتكەن، ئەتراپتىكى دەريا تورى رايونىدا 42 پونكىتنىڭ سۇ ئورنى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن 0.03 مېتىردىن 0.81 مېتىرغىچە ئېشىپ كەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 15-ئىيۇلدىن 19- ئىيۇلغىچە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدا يەنىلا كۈچلۈك يامغۇر يېغىش جەريانى بولىدىكەن. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئەۋەتكەن مىنىستىر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1-سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يەرلىكنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ياردەملەشكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 15-ئىيۇلدىن 16- ئىيۇلغىچە چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىسمى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە شەنشىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، خۇبېينىڭ شەرقىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بىر قېتىم كەلكۈن كېلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى غول ئېقىن ۋە دۇڭتىڭ كۆلىنىڭ سۇ ئورنى ئاستا-ئاستا چېكىنگەندىن كېيىن قايتا ئۆرلەيدىكەن، تۆۋەن ئېقىنى ۋە پوياڭ كۆلىنىڭ سۇ ئورنى چېكىنىش ھالىتىنى ساقلايدىكەن؛ تەيخۇ كۆلىنىڭ سۇ ئورنى ئۆرلەيدىكەن، كاپالەتلىك سۇ ئورنىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن؛ خۇەيخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى غول ئېقىننىڭ سۇ ئورنى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىغا يېقىنلىشىشى ھەمدە ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن؛ خۇبېي، ئەنخۇي، جياڭسۇنىڭ دەريا (كۆل) بويىلىرىدا سۇ ئورنى يەنىلا يۇقىرى بولىدىكەن؛ قارا يامغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا- كىچىك دەريا ئېقىنلىرىدا بىر قەدەر چوڭ كەلكۈن كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى سۇ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش 2-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى داۋاملىق ساقلاپ، چاڭجياڭ دەرياسى سۇ ئامبىرى توپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى توسمىلارنى مۇداپىئە قىلىشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە، ئىلمىي تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.