مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەمگەك مائارىپى دەرسى تەسىس قىلىپ، ئۇنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ بېكىتىش كېرەك

日期:2020年07月16日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسى يېتەكچى پروگراممىسى (سىناق نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پروگرامما» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەمگەك تەربىيەسى دەرسى تەسىس قىلىپ، ئۇنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ بېكىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسى دەرسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەپتىدە بىر سائەتتىن كەم بولماسلىقى، كەسپىي مەكتەپلەر 16 سائەتتىن كەم بولماسلىقى، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئەمگەك مائارىپىنى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش لايىھەسىگە كىرگۈزۈپ، ھازىر بار بولغان دەرسلەردە ئەمگەك تەربىيەسى بۆلىكى تەسىس قىلىپ، ئۇنى ئەمگەك مەخسۇس تېمىلىق مەخسۇس تەربىيە زۆرۈر دەرسلىكى قىلىپ تەسىس قىلسىمۇ بولىدۇ، تولۇق كۇرس باسقۇچىدا ئۇ دەرس 32 سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

  «يېتەكچى پروگرامما»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەمگەك تەربىيەسى ئارقىلىق، ئەمگەكنىڭ ئادەم تەربىيىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەمگەكنى ۋە ئەمگەكچى خەلقنى سۆيۈشتەك تەربىيەلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەك قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچان ۋە ئىقتىسادچىل بولۇشى، كۈرەش قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۆھپە قوشۇشتەك ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش؛ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمگەككە قاتنىشىپ، قول ۋە مېڭىنى تەك ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ئەمگەك جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش؛ ئەنئەنىۋى ئەمگەك ھۈنەر-سەنئىتى تۈرىنىڭ ئادەم تەربىيىلەش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋر تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش؛ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  «يېتەكچى پروگرامما»دا، ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمگەك تەربىيەسى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەك تەربىيەسى ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئەمگەك تەربىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمگەك تەربىيەسىدە ئوقۇغۇچىلارنى شەخسىي تۇرمۇش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرۇش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش؛ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەك تەربىيەسىدە ئوقۇغۇچىلارغا سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتا ماددىي بايلىق يارىتىش جەريانىنى ھېس قىلدۇرۇپ، مەھسۇلات سۈپىتى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاددىي ئەمگەكنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش؛ مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئەمگەك تەربىيەسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىم-ماھارەتلىرىدىن پايدىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشقىلار ۋە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.