پېڭ لىيۈەن ئافرىقا دۆلەتلىرى بىرىنچى خانىملار تەرەققىيات بىرلەشمىسىگە جاۋاب خەت يېزىپ، جۇڭگونىڭ ھال سورىشى ۋە قوللىشىنى يەتكۈزدى

日期:2020年07月08日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يېقىندا ئافرىقا دۆلەتلىرى بىرىنچى خانىملار تەرەققىيات بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، كونگو زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسى ئانتوۋانېتقا جاۋاب خەت يازدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى خانىملىرىغىمۇ خەت ئەۋەتتى. پېڭ لىيۈەن خانىم ئۇ خەتلەردە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ جاپالىق پەيتلىرىدە جۇڭگو خەلقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئافرىقا خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغانلىقى ھەققىدە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

پېڭ لىيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى تۇيۇقسىز يۈز بەردى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىشى ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى يۇقۇم ئەھۋالىنى يېڭىشتە ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى خانىملىرى تەرەققىيات بىرلەشمىسى ئارقىلىق، ئافرىقىدىكى 53 دۆلەتكە يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيالارنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ ماددىي ئەشيالار ئاياللار، بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئافرىقا خەلقىگە بولغان دوستلۇقىنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

يېقىندا، ئانتوۋانېت پېڭ لىيۈەنگە خەت يېزىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا ئوينىغان رولىغا يۇكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى، ھەمدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى خانىملىرى تەرەققىيات بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرىنچى خانىملىرىغا ۋاكالىتەن جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى ئاياللار، بالىلار، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ھەمدە ئۇلارنى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۆتۈندى.

جۇڭگونىڭ ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى يېقىندا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تارقىتىلىدۇ، ئانتوۋانېت ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بىرىنچى خانىملىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى ئاياللار، بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا-جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.