نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدە ئىش باشلاش نىسبىتى %95 تىن ئېشىپ كەتتى

日期:2020年07月08日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، جايلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەن. 6-ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» ۋە ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنغان.

ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش جەھەتتە، ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان 52 ناھىيەدە بۇ يىل 2 مىليون 814 مىڭ 700 ئادەم سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتتى، بۇ، بۇلتۇر سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر سانىنىڭ %110.61 ىگە توغرا كېلىدۇ. شەرقىي ئوتتۇرا قىسىمدىكى 11 ئۆلكە، شەھەر 1213 پۇقراۋى كارخانا ۋە 580 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى سەپەرۋەر قىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىنغان 1113 كەنتكە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى.

نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدە ئىش باشلاش، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكە نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 429 مىڭ 100 نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش باشلاش نىسبىتىنى %95.24 كە يەتكۈزدى؛ نامراتلارنى يۆلەشتىكى 28 مىڭ 661 باشلامچى كارخانىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %98 كە يەتتى، 824 مىڭ نامرات ئاھالە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ نامراتلارنى يۆلەشتىكى 30 مىڭ 247 سېختا قايتا ئىش باشلاش نىسبىتى %99.6 كە يېتىپ، 394 مىڭ نامرات ئاھالە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.