دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تېز سۈرئەتلىك سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

日期:2020年07月08日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تېز سۈرئەتلىك سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى ئايروپىلانى − چىڭداۋ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ QW9771 نۆۋەتلىك ئايروپىلانى تۇنجى ئۇچۇشنى تاماملىدى. بۇ قېتىمقى تۇنجى ئۇچۇشتىكى ئۆتكۈزۈشچان سۈنئىي ھەمراھ بايلىقىنى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگو ۋېيتۇڭ گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن.

شۇ كۈنى سائەت 16دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، چىڭداۋ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ QW9771 نۆۋەتلىك ئايروپىلانى چىڭداۋ ليۇتىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 19دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇ شۇاڭليۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى. Ku چاستوتا بۆلىكى سۈنئىي ھەمراھى ئىشلىتىدىغان ئەنئەنىۋى ئالاقە تورى ئايروپىلانى بىلەن ئوخشاش بولمىغىنى بۇ نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر Ka چاستوتا بۆلىكى ئۆتكۈزۈشچان سۈنئىي ھەمراھى جۇڭشىڭ 16-نومۇر ئاساسىدىكى تېز سۈرئەتلىك ئالاقە تورى سىستېمىسى سەپلەنگەن. ئايروپىلان 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا 100 مېگابايتتىن يۇقىرى تېز سۈرئەتلىك تورنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنى يەر يۈزىدە تورغا چىققانغا ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ. ئايروپىلان تەكشى ئۇچقان باسقۇچتا، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار شەخسىي يان تېلېفونىنى ئىشلىتىپ بوشلۇق ئالاقە تورىغا ئۇلاپ، ئايروپىلاندا مۇقىم بولغان كۆڭۈل ئېچىش تەسىراتىغا ئېرىشەلەيدۇ.