رۇسىيەلىك ئالىم: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ

日期:2020年07月07日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق يىغىنى يېقىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. روسىيىدىكى نۇرغۇن ئالىملار تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

روسىيىلىك خەنزۇشۇناس يۇرى تاۋروۋسكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى شياڭگاڭدىكى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، لېكىن قانۇنسىز ھەرىكەت قوللانغان ھەمدە زوراۋانلىق توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شياڭگاڭنى قالايمىقانلاشتۇرغان ئۇنسۇرلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ رەزىل قىلمىشى ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ساقچىلارغا زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشى زۆرۈر، ئۇ قانۇن تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

روسىيەلىك ئالىم ئالېكسېي ماسىلوۋ يېقىندا روسىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى دېدى: جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇھىمى شۇنى بىلدۈرۈش كېرەككى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى ماقۇللاش پرىنسىپلىق سىياسىي قاراردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ قانۇن چوقۇم ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو شياڭگاڭنى گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈشنى تېزلەتتى. بۇ ئىش چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىشنىڭ يۆتكىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، شياڭگاڭ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا سودا پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. سۇغۇرتا ۋە توشۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ-ئوتتۇرا كارخانىلارمۇ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ۋەزىيەت مۇقىملاشقاندىلا، بارلىق كارخانىلار ئاندىن داۋاملىق تەرەققىي قىلالايدۇ.