جياڭسۇ مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى كۈچەيتتى ___

مەدەنىيەت ھاللىق تۇرمۇشنى ئوزۇقلاندۇردى (ھاللىق تۇرمۇشىمىزغا نەزەر)

日期:2020年07月07日
来源:人民网
【字体:

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارقىراپ تۇرغان ۋۇۋاڭفۇ خەنجىرى، نەپس ئىشلەنگەن سىرلىق فارفۇر قاچا... كېچىدىكى سۇجوۋ مۇزېيى ئىچىدە، ساياھەتچىلەر كۈندۈزدىكى ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن يىراقلىشىپ، بىر مەيدان تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كاتتا زىياپىتىدىن بەھۇزۇر ھۇزۇرلاندى.

  «بۇ يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، بىز يەكشەنبە ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنىدىكى ئېچىۋېتىش ۋاقتىنى كەچ سائەت 9غا ئۇزارتىپ، كۆپچىلىكنى سۇجوۋ شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئىگە قىلدۇق»، دېدى سۇجوۋ مۇزېيىنىڭ خىزمەتچىسى لىڭ پېي.

  مول مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش تېمىسىدىكى بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

  مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش

  ___ ۋۇيۈەن يېڭى نەزمە يېزىش، كونا كوچىلار يېڭى تۈسكە كىرىش

  كېچىدىكى پىڭجياڭ يولى، كىچىك كۆۋرۈك، كونا كوچا، قەدىمىي كوچىلار ئارقىمۇ ئارقا ئۇلانغان، كۈنچۈ تىياتىرى، داستان ئېيتىش، سۇجوۋ تىياتىرى بىر- بىرىنى تولۇقلىغان... رومانتىك، غەمسىز سۇ ماكانى كېچىسىگە يىراقتىكى ئېگىز بىنالارنىڭ نۇرلۇق چىراغلىرى جۆر بولۇپ، كىلاسسىك بىلەن ھازىرقى زامان گىرەلەشكەن جياڭنەننىڭ رەسىمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

  سۇجوۋ شەھىرىدىكى جۇڭگو كۈنچۈ مۇزېيىدا، «فۇشېڭليۇجى» ناملىق تىياتىر قويۇلماقتا ئىدى، بىر كۈننى ئالدىراشچىلىقتا ئۆتكۈزگەن كىشىلەر بۇ يەردە كېچىلىك تاماق يەپ، كۈنچۈ تىياتىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرەتتى.

  «فۇشېڭليۇجى»نىڭ ئىشلىگۈچىسى شياۋ يەن تونۇشتۇرۇپ: «ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كۈنچۈ تىياتىرى ياشلارنىڭ ئىدىيەسىگە تېخىمۇ ماس كېلىپ، كۆپچىلىككە ئازادىلىك بېغىشلاش بىلەن بىللە، ئۇلارغا كۈنچۈ تىياتىرىنىڭ ئۆزگىچە سەنئەت سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ»، دېدى. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ۋۇگې، داستان ئېيتىش، جياڭنەن سىجۇ قاتارلىق مۇزىكا سەنئەتلىرىنى ئۆرپ-ئادەت ھېكايە كۆرۈنۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەھسۇلاتلىرى يارىتىپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2019-يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نادىر سەنئەت ئىجادىيىتى خىراجىتىنى قوللاش سوممىسى 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سۇجوۋ تىياتىرى «گودىڭخۇن»، كۈنچۈ تىياتىرى «گۇيەنۋۇ»، قىزىقچىلىق «چېنخۇەنشېڭنىڭ تاماق مەسىلىسى» قاتارلىق تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن زور بىر تۈركۈم ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى.