ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 325 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتتى

日期:2020年07月06日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 5- چېسلا جۇڭگو دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۆمۈر يولغا مەبلەغ سېلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول مۇقىم مۈلكىگە 325 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، ئۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ، دۆلەت تۆمۈر يول ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 245 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشتى؛ 7- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، تۆمۈر يول يېڭى لىنىيىسىدە 1178 كىلومېتىر يول ئېچىلدى، بۇ 605 كىلومېتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، 1- پەسىلدە تۆمۈر يولغا سېلىنغان مەبلەغ 79 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 تۆۋەن بولدى. 2- پەسىلدە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت تۆمۈر يول گوروھى تۆمۈر يولغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنى كۆپەيتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان قۇرۇلۇشلارنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇردى. بۇنىڭدا 245 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سېلىنغان مەبلەغ 179 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.4 ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن، مەبلەغ سېلىش پىلانىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرىنچى پەسىللىك مەبلەغ سېلىش زىيىنىنى تولۇقلاپ، تۆمۈر يول سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.