مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، قانۇنغا ئايلاندۇرغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

日期:2020年06月19日
来源:人民网
【字体:

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، قانۇنغا ئايلاندۇرغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ كەسكىن سۆزلەشكەنلىكىگە قارىماي، ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، قانۇنغا ئايلاندۇردى. بۇ قىلمىش جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ھەم بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەتلىك قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش − جۇڭگو ئاساسىي قانۇنىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم نىشانى. 1990-يىلىدىن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ھەم نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتتى. جۇڭگو قوللانغان كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى جۇڭگونىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىدىكى ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرمەي، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىندى، مانا بۇ ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى گەۋدىلىنىشى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەقىقىي ھىمايىسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەرگىزمۇ قانداقتۇر ئىنسانىي ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدۇر. ئامېرىكىمۇ تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، ئامېرىكا ئەسلىدە جۇڭگو قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىشى كېرەك ئىدى، ئەمما، ئامېرىكا بۇنىڭ ئەكسىچە ئاتالمىش ئىنسانىي ھوقۇق نامى بىلەن، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىغا يامان غەرەز بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە تىپىك قوش ئۆلچەم قوللانغانلىق.

  شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى − جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىدۇر، ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسىدىن ھەرگىز تەۋرەنمەيدۇ. بىز ئامېرىكىنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشقا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خاتا ئۇسۇلىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.