13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىدا كۆپلىگەن قانۇن لايىھەسى قاراپ چىقىلدى

ئارخىپ قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسى ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىشقا سۇنۇلۇپ، ئارخىپنى ئېچىۋېتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىلدى

日期:2020年06月19日
来源:人民网
【字体:

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خۇ كېمىڭ بەرگەن ئارخىپ قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. بۇ، ئىككىنچى قېتىملىق قاراپ چىقىش بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىدا تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلغان ھەم جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورىدا تولۇق تېكىستنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىدىن پىكىر ئېلىنغان.

  ئارخىپ بايلىقىنى تولۇق قېزىپ پايدىلىنىپ، ئارخىپنى ئېچىۋېتىش ۋە پايدىلىنىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىملىق قاراپ چىقىش نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. بىرىنچىدىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك ئارخىپخانىلاردىكى ئارخىپلار شەكىللەنگەن كۈندىن باشلاپ 25 يىلغا توشقاندا جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى، ئىقتىساد، مائارىپ، ئىلىم پەن، تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈردىكى ئارخىپلارنىڭ 25 يىلغا توشمىسىمۇ جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلسە بولىدىغانلىقى؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ياكى مۇھىم، زور مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان ۋە ئۇلاردىن باشقا ۋاقتى توشۇپمۇ ئېچىۋېتىشكە ماس كەلمەيدىغانلىرىنىڭ جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش مۇددىتىنى 25 يىلدىن ئۇزارتسا بولىدىغانلىقى؛ دۆلەتنىڭ باشقا ئارخىپخانىلارنىڭ جەمئىيەتكە ئارخىپلارنى ئېچىۋېتىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقى ۋە مەدەت بېرىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىككىنچىدىن، دۆلەتنىڭ ئارخىپخانىلارنى ساقلانما ئارخىپلارنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مەخسۇس كۆرگەزمە، ئاممىۋى پاراۋانلىق لېكسىيەسى، تاراتقۇدا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بەلگىلەندى. ئۈچىنچىدىن، ئارخىپخانىلاردىن تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئارخىپلارنى تەتقىق قىلىپ رەتلەش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى پايدىلىنىش ھۆججەت ماتېرىيالى ۋە تەدبىر بەلگىلەش مەدىتى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى.