جۇڭگو بىلەن چەت ئەل ئارا ئوقۇش نومۇرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئىلمىي ئۇنۋاننى ئۆزئارا بېرىشتەك بىرلەشمە ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك

سەككىز تارماق: چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتەك يوللار ئارقىلىق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش كېرەك

日期:2020年06月19日
来源:人民网
【字体:

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا «مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماقنىڭ يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش ۋە كېڭەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) رەسمىي تارقىتىلغان. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم توسالغۇلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشتەك ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «جۇڭگودا ئوقۇش» ماركىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەل ئارا ئوقۇش نومۇرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئىلمىي ئۇنۋاننى ئۆزئارا بېرىشتەك بىرلەشمە ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش يوللىرى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى داۋاملىق تەربىيەلەش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى نەزەر دائىرىسىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تېز يېتىشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي مائارىپنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىش ۋە راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە جۇڭگوچە كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن ھەم خەلقئارا نەزەر دائىرىسىگە ئىگە يېڭى دەۋردىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چېگرا سىرتىدا مەكتەپ باشقۇرۇشى ياخشىلىنىدۇ، مەكتەپلەرنىڭ تاشقى ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار، جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچىلارغا چېتىلىدىغان ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو بىلەن چەت ئەل ئارا ئوقۇش نومۇرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئىلمىي ئۇنۋاننى ئۆزئارا بېرىشتەك بىرلەشمە ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، توردىكى مائارىپنىڭ خەلقئارا كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئالاقە تورى +»، «ئەقلىي ئىقتىدار +» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردىكى ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى تەمىناتىنى بېيىتىدۇ.