بېيجىڭدا بېيجىڭدىن چىققان ۋە بېيجىڭغا كىرگەنلەرنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش كۈچەيتىلدى

日期:2020年06月19日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم خەتىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق خەۋپ-خەتەرلەر بولغان خادىملارنىڭ بېيجىڭدىن چىقىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىدۇ ھەمدە ئوتتۇرىھال يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەتەرلىك رايونلاردىن كېلىپ بېيجىڭغا كىرىدىغان (بېيجىڭغا قايتىدىغان) خادىملارنى قاتتىق باشقۇرىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى پەن شۈخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ خىل ئادەم كونكرېت ھالدا تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى، شەھەر بويىچە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەل كىشى، گۇمانىي كېسەل كىشى، قويۇق ئۇچراشقانلار، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار ۋە قىزىش ئالامەتلىرى بارلار؛ ئىككىنچىسى، 5- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇيان شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرىغا كىرگەن-چىققان ۋە بازار خىزمەتچىلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان خادىملار؛ ئۈچىنچىسى، ئوتتۇرا-يۇقىرى خەتەرلىك كوچىلاردىكى يېزا-بازار خادىملىرى. پۈتۈن شەھەردىكى باشقا خادىملار پىرىنسىپ جەھەتتە «زۆرۈر بولمىسىلا بېيجىڭدىن چىقماسلىق»تا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ناۋادا ھەقىقەتەن بېيجىڭدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقلاردا يەتتە كۈن ئىچىدىكى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى بولۇشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ۋە تۆمۈر يول تارماقلىرى يەنە شەھەر بويىچە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەللەر، گۇمانىي كېسەللەر، قويۇق ئۇچراشقانلار، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار ھەمدە 5- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇيان شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرى ۋە بازار خىزمەتچىلىرى بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلار دېگەندەك كىشىلەرگە قارىتا بېلەت سېتىۋېلىش چەكلىمىسىنى يولغا قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭدىن چىققانلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش ۋە پويىزغا چىقىشتىن بۇرۇنقى بەدەن تېمپېراتۇرىسى تەكشۈرۈلىدۇ ۋە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەنلىك ئىسپاتى تەلەپ قىلىنىدۇ. 16- ئىيۇن سائەت 24 تىن بۇرۇن بېيجىڭدىن چىقىش ياكى بېيجىڭغا كىرىش ئايروپىلان بېلىتى ياكى پويىز بېلىتى سېتىۋالغان يولۇچىلار، بېلەتنى ئۆزگەرتىش ۋە قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى ھەقسىز بېجىرسە بولىدۇ.