2020- يىلى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يېڭىدىن 30 يۈەن كۆپەيدى

日期:2020年06月18日
来源:人民网
【字体:

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت داۋالاش كاپالەت ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى مالىيە مىنىستىرلىقى يەنە دۆلەت باج باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «2020- يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تۈزۈپ تارقاتتى، ھەمدە 2020- يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ توپلاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 2020- يىلى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يېڭىدىن 30 يۈەن كۆپەيتىلدى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر يىلى 550 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق تەلىپى بويىچە، شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ماس قەدەمدە 30 يۈەن ئۆستۈرۈلدى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە چوڭ كېسەل سۇغۇرتا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسەت دائىرىسى ئىچىدە بالنىستتا يېتىش خىراجىتىنىڭ چىقىم قىلىنىش نىسبىتى %70كە يەتكۈزۈلۈپ، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىنىڭ باشلىنىش-چىقىم سىزىقى تۆۋەنلىتىلىدۇ ھەمدە ئاھالىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ يېرىمىغا يەتكۈزۈلىدۇ، سىياسەت دائىرىسى ئىچىدە چىقىم قىلىش نىسبىتى %60كە ئۆستۈرۈلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: داۋالاش كاپالىتى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تۈزۈمنى ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈش، يۈكنى پەلەمپەيسىمان كېمەيتىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن ئاتچوت قىلىش ۋە مالىيەدىن ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، «تۆتنى ئۈزمەسلىك» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ چىقىم چېكىنى ئادەتتىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاھالىلەرگە قارىغاندا يېرىم ھەسسە تۆۋەنلىتىپ، چىقىم نىسبىتىنى 5 پىرسەنت پوئىنت ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ چېكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.