پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈر يوللاردا 20- چېسلادىن باشلاپ ئېلېكترونلۇق يولۇچىلار بېلىتى يولغا قويۇلىدۇ

بۇ ئېلېكترونلۇق بېلەت دائىرىسى تۆمۈر يوللاردا سەپەرگە چىققان %95 كىشىلەر توپىنى قاپلايدۇ

日期:2020年06月18日
来源:人民网
【字体:

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە «دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھى» دەپ ئاتىلىدۇ)دىن ئىگىلىشىچە: 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى ئېلېكترونلۇق يولۇچىلار بېلىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈر يوللاردا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، 1300دىن ئارتۇق ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزاللىرىنى قاپلايدىكەن. بۇ قېتىمقى كېڭەيتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتە نۆۋەتتە بار بولغان تۆمۈر يوللاردىكى 2400دىن ئارتۇق ۋوگزالدا ئېلىكتىرونلۇق يولوچىلار بېلىتى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ ٪95تىن ئارتۇق يولوچىلار توپىنى قاپلايدىكەن.

  دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يوللاردا سېتىلغان ئېلىكتىرونلۇق يولۇچىلار بېلىتى 872 مىليوندىن ئاشتى. ئېلېكترونلۇق بېلەتنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، يولۇچىلار ئالاقە تورى ئارقىلىق بېلەتنى قايتۇرسا ۋە ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ۋوگزالغا كىرگەن ۋە ۋوگزالدىن چىققاندا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق «بىر گۇۋاھنامە بىلەن يول يۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭدا ھەقىقىي ئىسمىنى تەكشۈرۈش ۋە بېلەت تەكشۈرۈش تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، توما ماشىنىسىنىڭ بېلەت تەكشۈرۈش سۈرئىتى ئۈچ ھەسسە ئەتراپىدا ئېشىپ، بېلەت تەكشۈرۈش ئوتتۇرىچە سۈرئىتى ئىلگىرىكى بىر ئادەم 3.8 سېكۇنتتىن ھازىرقىدەك بىر ئادەم 1.3 سېكۇنتقا قىسقارتىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭ بىلەن، پويىز بېلىتى يۈتۈپ كېتىش ۋە ساختا بېلەت سېتىۋېلىش قاتارلىق خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ يىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇنىڭدا ئېلېكتىرونلۇق يولۇچىلار بېلىتىنى قايتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش، ھەمدە ئۇچرىشىش يوق ھالەتتە ۋوگزالغا كىرىش ۋە ۋوگزالدىن چىقىش، ئىش ئورنىغا قايتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كوللېكتىپ بېلىتىنى توردا بېجىرىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر تولۇق گەۋدىلەندى.