تۇنجى نۆۋەتلىك يادرو پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى باشلاندى

日期:2020年06月17日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلانغان. بۇ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى جۇڭگو يادرو پەن-تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرى ۋە گۇرۇپپىلىرىغا قارىتىلغان، يادرو پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ماھارەت سەھنىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «بۇ ئوتتەك ئىسسىق يازدا، سىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئويىڭىزلا بولىدىكەن، ئارزۇيىڭىز ۋە قىزغىنلىقىڭىزنى ئېلىپ، بىز بىلەن بىللە ئىشقا ئاشۇرۇڭ»، دېدى جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ساۋ شۇدۇڭ باشلىنىش يىغىنىدا. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئۆز قولىدا پۇختا ئىگىلىشىنى؛ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۇپرىقى يېتىشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ياخشى بولغان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتى يارىتىشىنى؛ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەپ، ئورتاق ھالدا مۇسابىقىنى يادرو سانائىتى پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بەلگە قۇرۇلۇشى، ماركا قۇرۇلۇشى قىلىپ، سۈپەتلىك نەتىجىلەرنى خىزمەتكە ئايلاندۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.