دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مال باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى

CPI نىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى داۋاملىق تارىيىدۇ

日期:2020年06月17日
来源:人民网
【字体:

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 6- ئايلىق قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي يىغىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆرلىمە تەسىرنىڭ تەدرىجىي پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، مۆلچەر بويىچە بۇ يىلنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI)نىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى داۋاملىق تارىيىپ، پۈتۈن يىلدا «ئالدىدا يۇقىرى، كېيىن تۆۋەن بولۇش» ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشى مۇمكىن.

  مېڭ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: 5- ئايدا CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئۆسۈپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئىنت تارىيىپ، 14 ئايدىن بۇيان ئۆسۈش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولدى. بولۇپمۇ CPI ۋە يادرولۇق CPIنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئۆسۈش دەرىجىسى پەرقى كىچىكلەپ، بۇ يىل 2-ئايدىكى 4.2 پىرسەنت پوئىنتتىن تارىيىپ 5-ئايدا 1.3 پىرسەنت پوئىنت بولدى، 4- ، 5-ئايدا يادرولۇق CPIنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى %1.1 بولۇپ، بۇ CPIنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلمىلىق ئامىلنىڭ تېزدىن ئاجىزلاشقانلىقىنى ئىپادىلىدى، ئاساسلىقى چوشقا گۆشى ۋە كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى باھاسىدا بىرقەدەر چوڭ تۆۋەنلەش بولدى.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە، 36 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەر تاللا بازىرى ۋە قەرەللىك بازارلاردىكى چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلەش دەرىجىسى %20 ئېشىپ، 15 خىل كۆكتاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوتتۇرىچە باھاسى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن %40تىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەن.

  مېڭ ۋېي مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، تارماقلار پائال كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. يېقىنقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھازىر تىرىك چوشقا ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشىلانغان. كۆلەملىك باقمىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، تىرىك چوشقا بېقىشنى كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش دەرىجىسى ۋە بىيوبىخەتەرلىك مۇھاپىزىتىنىڭ سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مېكىجىن بېقىش مىقدارى بىلەن تىرىك چوشقا بېقىش مىقدارى بۇلتۇر 9-، 10- ئايلارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشقان. يېڭى تۇغۇلغان چوشقا كۈچۈكلىرىنىڭ مىقدارى ئۇدا بىرقانچە ئاي ئېشىپ، بۇ يىل 3-پەسىلدە بورداق چوشقا تەمىناتىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.