مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇق ئىمزالىشى بىلەن، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيە ئالىي مەكتەپلىرى مائارىپ نىزامىنىڭ سىناق نۇسخىسى» ئېلان قىلىندى

日期:2020年06月17日
来源:人民网
【字体:

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالىشى بىلەن، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئارمىيە ئالىي مەكتەپلىرى مائارىپ نىزامىنىڭ سىناق نۇسخىسى» ئېلان قىلىندى. بۇ نىزام 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام»دا، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق ۋە كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، توغرا سىياسىي يۆنىلىش بولۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئۇرۇش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەزمۇنلۇق تەرەققىيات قاتارلىقلاردا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش، ئىمتىھان ۋە تەتقىقاتنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئالىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدىكى خىزمەت ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  «نىزام» جەمئىي 11 باب، 90 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالىي مەكتەپ مائارىپىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قايتا قۇرۇلغان، ھەر دەرىجىلىك مەسئۇلىيەتنىڭ دائىرىسى ئىلمىي ئايرىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالدىن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش يۆنىلىشى كۈچەيتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپىنى ئاساسلىق ئورۇنلاشتۇرۇش سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ خاراكتېر تەلىپى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان ئۆلچەم ۋە تەلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ سىياسىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بارلىق مەكتەپ باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ دىققەتنى ئۇرۇش قىلالايدىغان ۋە ئۇرۇش قىلغاندا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك ۋە ئەخلاقلىق يېڭى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى. يېڭىچە ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ياراملىق بولۇش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئارمىيە ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى، تۈزۈمى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى ۋە ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، كاپالىتى ۋە ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىق تىرەكلىك تۈزۈملەر كېڭەيتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭى تۈزۈلمە ئاستىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش، يۈرۈشۈش مېخانىزمى ئورنىتىلدى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلدى.