بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە جىددىي ئىنكاس دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەلدى

日期:2020年06月17日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئائىت 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېچىلغان 121- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن بېي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە جىددىي ئىنكاس دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 6- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن بۇيان، بېيجىڭ شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ئەھۋالى ئۇدا دوكلات قىلىندى، دوكلات قىلىنغان بىمارلار كۈندە ئىككى خانىلىق سان بويىچە كۆپەيدى، يۇقۇم ئەھۋالى ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا. يېقىندا دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بېيجىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يۇقۇم ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ باھالىدى، تەرتىپ بويىچە تەستىقلانغاندىن كېيىن، 6- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە جىددىي ئىنكاس دەرىجىسىنى ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەش قارارى بېكىتىلدى.

 جىددىي ئىنكاس دەرىجىسى ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭ «سىرتتىن كىرىشنىڭ ۋە ئىچكى جەھەتتىن كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەمدە «ۋاقتىدا بايقاش، تېز بىر تەرەپ قىلىش، دەل جايىدا كونترول قىلىش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم شۇنداقلا «ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش»، «تۆتتە بالدۇر بولۇش» ۋە «توققۇزدا قاتتىق بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، توغرا ۋە ئۈنۈملۈك چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.