ج خ مىنىستىرلىقى يېمەكلىك-دورا ھالقىسى ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى

日期:2020年06月17日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ «قۇرۇم 2020» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىك-دورا ھالقىسى ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

 ئىگىلىنىشىچە، «قۇرۇم 2020» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى يېمەكلىك- دورا ھالقىسى ساھەسىدىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش دىلوسىدىن 5290 نى پاش قىلغان، 1700دىن ئارتۇق جىنايەت ئۇۋىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، 770دىن ئارتۇق جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، 8200 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن، دېلوغا چېتىشلىق ئومۇمىي سومما 3 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

  ج خ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يېيىش ئادىتىنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارارى بويىچە، ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىش مەقسەت قىلىنغان ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىشلىق جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، بىر تۈركۈم چوڭ، مۇھىم دېلولارنى مەركەزلىك پاش قىلىپ، بىر تۈركۈم جىنايەت تورى ۋە جىنايەت ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەر ۋە شايكىلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك؛ پەسىل قۇشلىرىنى قالايمىقان ئوۋلاش قاتارلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم؛ ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئەتكەس قىلىشتەك دۆلەت ئاتلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.