مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانى تەڭشەلدى

ئاممىۋى سەھىيە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى مەزمۇنلار كۆپەيتىلدى

日期:2020年06月17日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى، قانۇن چىقىرىش-پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۆ جۇڭمىڭ 16- ئىيۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانىنى تەڭشەش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  يۆ جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: 2019- يىلى 12-ئايدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 44- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى، خىزمەت تەرتىپى بويىچە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ روھى ۋە ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىگە ئاساسەن پىلاننى تەڭشەش كېرەك. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، 58-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، دائىمىي كومىتېت قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى قانۇن چىقىرىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بويىچە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قانۇن چىقىرىش پىلانىنى تەڭشىگەندە ئاممىۋى سەھىيە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار مەزمۇنلار قوشۇلدى، ئاساسلىقى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى، چېگرا سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، قارارغا ئاساسەن، قانۇن چىقىرىش پىلانىدىكى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇنلارنى تېز تۈزۈشكە قوشۇلدى. قانۇن چىقىرىش پىلانىدا يەنە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تەشۋىقاتى ۋە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ۋەكىللەر باشقا زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن چىقىرىش تۈرلىرى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانىدا بۇنىڭغا قارىتا بىر تۇتاش ئويلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.