10907 مېتىر!

日期:2020年06月09日
来源:天山网
【字体:

«خەيدوۋ 1-نومۇر» ناملىق پۈتۈن دېڭىز چوڭقۇرلۇقى چۆككۈسى 10مىڭ مېتىرلىق دېڭىز سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان(مۇخبىرلارۋاڭ يىڭ، باۋ يۈخەن) دېڭىز ئاستىغا رىشتە باغلاپ، چوڭقۇر دېڭىزغا تەلپۈنۈش. 40 نەچچە كۈندە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېنياڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنى رىياسەتچىلىك قىلىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان «خەيدوۋ 1 - نومۇر» ناملىق پۈتۈن دېڭىز چوڭقۇرلۇقتا ئۆز ئالدىغا يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان چۆككۈ 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى «تەنسو 1 - نومۇر» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتىغا سېلىنىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.

«خەيدوۋ 1 - نومۇر» بۇ قېتىم مارىئانا دېڭىز جىلغىسىدا تۇنجى قېتىم 10 مىڭ مېتىرلىق دېڭىزغا چۆكۈش سىنىقى ۋە سىناق خاراكتېرلىك ئەمەلىي قوللىنىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ئەڭ چوڭ چۆكۈش چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ 907 مېتىر بولۇپ، دۆلىتىمىز چۆككۈسىنىڭ ئەڭ چوڭ چۆكۈش چوڭقۇرلۇقى رېكورتىنى يېڭىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ 10 مىڭ مېتىرلىق دېڭىز ئاستى مەشغۇلاتى تىپىدىكى ئادەمسىز چۆككۈ بوشلۇقىنى تولدۇردى.

بۇ قېتىمقى دېڭىز سەپىرىدە، «خەيدوۋ 1 - نومۇر» مارىئانا دېڭىز جىلغىسىدا تۆت قېتىم 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈش، يۇقىرى ئېنىقلىقتا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، مېخانىك قول مەشغۇلاتى، ئاكۇستىكىلىق تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ۋە ئورۇن بەلگىلەش، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن يوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلىتىمىزنىڭ چۆككۈ ساھەسىدىكى كۆپ تۈردە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.

تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ۋە مەشغۇلات قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈش ئۈسكۈنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «خەيدوۋ 1 - نومۇر» دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم پۈتۈن دېڭىز چوڭقۇرلۇقىدا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاكۇستىكىلىق ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسى بىلەن چۆككۈگە ئورنىتىلغان كۆپ خىل سېنزور ئۈسكۈنىسى ئۇچۇرلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، «جەڭ ئېلان قىلغۇچىلار چوڭقۇر ھاڭى»نىڭ ئەڭ چوڭقۇر رايونىنى چارلاپ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ۋە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى چوڭقۇر ئۆلچەشنى تاماملاپ، بىر قاتار سانلىق مەلۇمات ماتېرىياللىرىغا ئېرىشتى.

«خەيدوۋ 1 - نومۇر» پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ «13 - بەش يىل»لىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانىدىكى «چوڭقۇر دېڭىز ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىسى» نۇقتىلىق مەخسۇس تۈرىدىكى تۈر تۇرغۇزۇپ قوللاش تۈرى بولۇپ، ئۇنى شېنياڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنى دۆلەت ئىچىدىكى ئەۋزەللىككە ئىگە ئون نەچچە ئورۇن بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. 2016 - يىلى 7 - ئايدا تۈر قوزغىتىلغاندىن كېيىن، «خەيدوۋ 1 - نومۇر» ئىككى يېرىم يىللىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە سىناق قىلىپ دەلىللەشنى باشتىن كەچۈرۈپ، 2019 - يىلى تەجرىبىخانىدا ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش، بىرلەشمە تەڭشەش، كۆلچەكتە سىناق قىلىش، چيەنداۋخۇ كۆلىدە سىناق قىلىش ۋە نەنخەي دېڭىزىدىكى 4500 مېتىرلىق باسقۇچلۇق دېڭىز سىنىقىنى تاماملىدى. 2020 - يىلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالدى، «خەيدوۋ 1 - نومۇر»نى تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى «تەنسو 1 - نومۇر»لۇق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ مارىئانا دېڭىز جىلغىسىغا بېرىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دېڭىز سىنىقى ۋە سىناق خاراكتېرلىك ئەمەلىي قوللىنىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملىدى.