«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جۇڭگو ھەرىكىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

日期:2020年06月08日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جاپا - مۇشەققەتلىك مۇساپىسى ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن مۇھىم ھۆججەت

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جۇڭگو ھەرىكىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارچېن فاڭ، چېن سۇڭ) جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جۇڭگو ھەرىكىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئاق تاشلىق كىتاب جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جاپا - مۇشەققەتلىك مۇساپىسى ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن مۇھىم ھۆججەت، تەخمىنەن 37 مىڭ خەتلىك بولۇپ، كىرىش سۆز، تېكىست ۋە ئاخىرقى سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېكىست تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جاپا - مۇشەققەتلىك مۇساپىسى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى جەڭ مەيدانىدا ماسلىشىپ جەڭ قىلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان ئىنسانلار دۇچ كەلگەن تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان يەر شارىۋى چوڭ تارقىلىشچان كېسەل.» ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تېخى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن، تۇيۇقسىز تارقالغان، يامان ئەلپازدا كەلگەن يۇقۇم تەبىئىي ئاپىتى ئالدىدا، جۇڭگو كەسكىنلىك بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، تېز ھەرىكەتكە كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى، ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەپ، «ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى جەڭ مەيدانىدا ماسلىشىپ جەڭ قىلىش جەھەتتە، ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن كەڭ كۆلەملىك ئايرىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى بايلىقلارنى يۆتكەپ توپلاپ، كەڭ كۆلەملىك تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرمۇ يۇقۇملانغۇچىنى چۈشۈرۈپ قويماي، ھەربىر ئاغرىقتىن ۋاز كەچمەي، «قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامەلۇم ۋىرۇسنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بايلىق ۋە كۈچنى تېز، ئۈنۈملۈك قوزغاپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى. 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى چىدامچان بولۇپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: مىسلىسىز جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو غايەت زور بەدەل تۆلەپ ۋە قۇربان بېرىپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى كۈچلۈك ئۆزگەرتىپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توسىدى، ئىككى ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ يەرلىكتىكى ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالىنى بىر خانىلىق سان ئىچىدە تىزگىنلىدى، ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىللە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يەڭدى. جۇڭگو قانۇن بويىچە، ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك پوزىتسىيە بىلەن، بىرىنچى ۋاقىتتا خەلقئارا جەمئىيەتكە يۇقۇم ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىسىدىن تولۇق تەڭ بەھرىمەن بولدى. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئازاب - ئوقۇبىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى قوللىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى كۆزلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك.