ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكا ئاخباراتى ئېلان قىلدى

3-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ نىسبىتى ئۇدا بەش يىل ئۆرلىدى

مەملىكەت بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 300 مىليونغا يەتتى

日期:2020年06月05日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2019-يىللىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاخباراتىنى ئېلان قىلدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 770 مىليون كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 440 مىليون كىشى شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتى. مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە، 1-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار %25.1نى، 2-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار %27.5نى، 3-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار %47.4نى ئىگىلىدى. 3-كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا بەش يىل ئۆرلەپ، 2015-يىلدىكىدىن 5 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.

 ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، كەسپىي ئورۇنلار تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكلىپ قىلىش توختامى ئىمزالاش نىسبىتى %96تىن ئاشقان. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنى تەسىس قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ئىش ئورنى تەسىس قىلىشنى تاماملاش نىسبىتى %97تىن ئاشقان. كەسپىي ئورۇنلار ئاشكارا تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە كەسپىي ئورۇنلار ئاشكارا تەكلىپ قىلغان خىزمەتچى خادىم 820 مىڭغا يېتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا 68 مىڭ كىشى، جايلاردىكى كەسپىي ئورۇنلارغا 754 مىڭ كىشى تەكلىپ قىلىنغان.

 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىلىنىدىغان كىشى 182 مىڭغا يېتىپ، دۆلەتنىڭ مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىغا 6100دىن ئارتۇق كىشى تاللانغان. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەر ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، 59 تۈرلۈك مۇتەخەسسىسلەر ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى تاللاپ يولغا قويۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت قىلىش بازىسىدىن 19نى تاللاپ تەسىس قىلىپ، 1400دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، 90 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام كەسپىي تېخنىكا خادىمىنى تەربىيەلەپ يېتەكلىگەن.

 2019-يىلى 17 مىليون 209 مىڭ كىشى كەسپىي تېخنىكا سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، 3 مىليون 214 مىڭ كىشى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن. يىل ئاخىرىدا 32 مىليون 344 مىڭ كىشى تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن.