دۆلىتىمىزدە نامرات ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ

日期:2020年06月05日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى 4- چېسلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامرات ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، نىسپىي نامرات ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار «بىخەتەرلىكنى باھالاش»، «بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئۆزگەرتىش» ۋە «بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ خىل تۈرگە ئايرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى كەنتمۇكەنت، ئۆيمۇئۆي ۋە بۇلۇڭ قالدۇرماي تەكشۈرۈپ، بۇ يىل 6- ئاينىڭ 30 ـ كۈنىدىن بۇرۇن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، تەكشۈرۈش جەريانىنىڭ ھەقىقىي ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جايلار ۋە تەرەپلەرنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىسىدا، نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەر بولغان. 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، سىچۇەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستىدا قۇرۇلۇشى پۈتمىگەن يەتتە ئائىلىدىن باشقا، 2019- يىلى نامرات ئائىلىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى؛ 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدا قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان 100 مىڭ 500 نامرات ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلىنىپ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش نىسبىتى %99.7كە يەتكەن.