ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ھەر يىلى 7 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچى تەربىيەلىنىدۇ

日期:2020年06月05日
来源:人民网
【字体:

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «دېھقان ئىشلەمچىلەرنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيىلەش پىلانى»نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ھەر يىلى يەتتە مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىنىڭ تەربىيىلىنىدىغانلىقى دېيىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرى بولسا، ئىش ئورنىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر، شەھەر-بازارلاردا ئىش كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېزىلاردىكى يېڭىدىن يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرى، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە نامرات ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  پىلاندا، كارخانىنى ئاساس قىلىش، ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ۋە ئىش كۈتۈپ تۇرغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى، ھەمدە سىرتقا چىقىرىلىدىغان جاينى ئاساس قىلىپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى، ھەم شۇنداقلا، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ياسىمىچىلىق، بىناكارلىق، مۇلازىمەت كەسپى، سەھرا كەسپى، ئارامگاھ ساياھەتچىلىكى ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ھالدا ۋە ئىش ئورنىنى بېكىتىپ تەربىيەلەش ھەمدە مەخسۇس ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا بولىدىغانلىقى، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تىرەپ تۇرۇش كېرەكلىكىمۇ تەكىتلەندى، ھەمدە پىلاندا بازار جىددىي ئېھتىياجلىق قىس بولۇۋاتقان كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، بىناكارلىق، ماشىنىسازلىق، رېمونت قىلىش، ئائىلە باشقۇرۇش ئىشلىرى، كۈتۈنۈش، يېمەك-ئىچمەك، ئامانلىق ساقلاش ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ماس كېلىدىغان ماھارەت تەربىيىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش خادىمى، توردىكى زاكازسى يەتكۈزگۈچى، بىۋاستە كۆرسىتىدىغان مال ساتقۇچى، ئاپتوموبىل ۋاكالىتەن ھەيدىگۈچى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ۋە يېڭى ھالەت بويىچە تەربىيىلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.