خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىش لازىم

___ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا (4)

日期:2020年06月05日
来源:人民网
【字体:

   «بۇ يىل يۇقۇم سەۋەبلىك، ئىقتىسادقا بولغان تەسىر چوڭمۇ؟»، «ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاندىن يەنە قانچىلىك بار؟»، «20 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشى نېمە؟»، «ھازىر ئۇ يەرنىڭ قاتناش ئەھۋالى قانداقراق؟»... مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا ھەقىقىي سوراپ، كونكرېت سۆزلەپ، چوڭقۇر ئويلاپ، خەلق داھىيسىنىڭ خەلققە رىشتە باغلاپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتەك سەمىمىي ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى.

  «پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، چوقۇم خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلق ئاممىسى بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە ئويلاش، بىللە ئىشلەش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش شەرت». 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى تەكىتلىدى، بۇ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغاپ، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇش، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  «پۇقرالار ئاسمان، پۇقرالار يەر. خەلقنى ئۇنتۇپ، خەلقتىن ئايرىلساق، مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ بولۇپ قالىمىز، ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز». ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، يۈز يىلغا يېقىن قاينام-تاشقىنلىق مۇساپىدە، پارتىيەمىز ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۈزلۈكسىز غەيرەتكە كېلىپ، جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، تاۋلىنىپ چىقتى، بۇ دەل باشتىن-ئاخىر خەلقنى «مەنبە» ۋە «ئاساس» قىلىپ، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقتىن كەلگەن. پارتىيەمىز خەلقتىن كەلگەن، خەلق ئۈچۈن تۇغۇلغان، خەلق ئۈچۈن گۈللەنگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنىڭ «سۇ كېمىنى كۆتۈرەلەيدۇ ھەم كېمىنى چۆكتۈرۈۋېتەلەيدۇ» دېگەن قائىدىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈشى، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، پۈتۈن پارتىيەنى «ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئاساسى تەۋرىنىپ قېلىش خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش»كە توختىماي ئاگاھلاندۇردى، پارتىيەمىزدىن خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش داۋامىدا تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشنى تەلەپ قىلدى.