مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى ئېلان قىلىندى، يىغىن ۋاقتى تۆت يېرىم كۈن قىسقىرايدۇ

日期:2020年05月21日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى بېيجىڭ 20- ماي تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىننىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. گو ۋېيمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى 21- ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، 27- ماي چۈشتىن كېيىن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى ئەسلىدىكى پىلاندىن تۆت يېرىم كۈن قىسقىرايدۇ.

  يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى بولسا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش؛ مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى قاتارلىق قارارلار ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاشتۇر.

  بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە، ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنلىرى مۇناسىپ ھالدا قىسقارتىلىدۇ. ئېچىلىش يىغىنى، يېپىلىش يىغىنى ۋە ئىككى قېتىملىق يىغىندا سۆز قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قېتىملىقى ۋىدىيو يىغىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ يەنە ئالتە قېتىملىق گۇرۇپپا يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىدا چەتئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ .

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەلىپى ۋە يىغىن مەزگىلىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار قاتارلىقلارنى ئويلاشقان ئاساستا، يىغىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتى مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ، بېيجىڭدىكى ئاز بىر قىسىم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى خەلق سارىيىدا نەق مەيداندا زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ؛ تور ۋىدىيو شەكلى ئارقىلىق ئۈچ مەيدان «ئەزالار يولى» زىيارەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ گۇرۇپپا يىغىنىدا مەركەزلىك زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تور، ۋىدىيو، يازما قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، ئەزالار تۇرۇشلۇق جايدا ۋىدىيو زىيارەت ئۆيى تەسىس قىلىندى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھۆكۈمەت تورىدىكى ئاخبارات مەركىزى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئاساسلىق ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئاخبارات گۇرۇپپىسى ۋە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاخبارات خادىملىرى شۇ چاغدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتى ئۈچۈن پائال مۇلازىمەت قىلىدۇ، ھەمدە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. (شياۋ جىنبو، خۇاڭ فەن)