شى جىنپىڭ بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان بارلىق پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى

日期:2020年05月20日
来源:人民网
【字体:

جاۋاب خەت

بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان بارلىق پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلار:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. سىلەرنىڭ جۇڭگوغا ئوقۇشقا كەلگەندىن بۇيان، ھەم مول بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىڭلاردىن، ھەم نۇرغۇن جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن تونۇشقانلىقىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم، مەن سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭلەردىن خۇشالمەن.

دەل سىلەر ھېس قىلغاندەك، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە مەكتەپلەر جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپچىلىككە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بەردى. ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، مەيلى جۇڭگولۇقلار ياكى جۇڭگودىكى چەت ئەللىك خادىملار بولسۇن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ھەممىسىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئاسرىدى.

مېنىڭ ئىگىلىشىمچە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىگە مەدەت بەرگەن. چىن مېھىر - مۇھەببەت ئېغىر كۈنلەردە بىلىنىدۇ. جۇڭگو داۋاملىق جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان بارلىق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك ياردەملەرنى بېرىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ جۇڭگونى كۆپرەك چۈشىنىشىڭلارنى، دۇنياغا ئۆزۈڭلار كۆرگەن جۇڭگونى كۆپرەك چۈشەندۈرۈشىڭلارنى، جۇڭگو ياشلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان بارلىق پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلارنى جۇڭگو ياشلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ جۇڭگوغا ئوقۇشقا كەلگەندىن بۇيان، ھەم مول بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىڭلارنى، ھەم نۇرغۇن جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن تونۇشقانلىقىڭلارنى بىلدىم، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭلەردىن خۇشال بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دەل سىلەر ھېس قىلغاندەك، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە مەكتەپلەر جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپچىلىككە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بەردى. ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، مەيلى جۇڭگولۇقلار ياكى جۇڭگودىكى چەت ئەللىك خادىملار بولسۇن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ھەممىسىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئاسرىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ ئىگىلىشىمچە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىگە مەدەت بەرگەن. چىن مېھىر - مۇھەببەت ئېغىر كۈنلەردە بىلىنىدۇ. جۇڭگو داۋاملىق جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان بارلىق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك ياردەملەرنى بېرىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ جۇڭگونى كۆپرەك چۈشىنىشىڭلارنى، دۇنياغا ئۆزۈڭلار كۆرگەن جۇڭگونى كۆپرەك چۈشەندۈرۈشىڭلارنى، جۇڭگو ياشلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىدە ھازىر پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىدىن 52سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 49 كىشى دوكتور، ماگىستىر ئاسپىرانت. يېقىندا، ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگودا ئوقۇۋاتقاندىكى كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتىنى بايان قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلاش خاراكتېرلىك يۈزبەرگەندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.