باش يازدا، باش شۇجىنىڭ ئىزىنى بويلاپ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى يېڭى ئىشلارنى زىيارەت قىلىش

日期:2020年05月15日
来源:新疆日报
【字体:

سېرىقگۈلنىڭ بازىرى چىقتى.

ئۈچ كۈن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشى داتۇڭ شەھىرىنىڭ يۈنجوۋ رايونىدا ئورگانىك سېرىقگۈلنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش بازىسىنى تەكشۈرۈپ، ئېتىزلىققا بېرىپ سېرىقگۈلنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. «سېرىقگۈل كەسپىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇپ، سېرىقگۈلنى يۇرتداشلارنىڭ <بېيىش گۈلى>گە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئۇ يۇرتداشلارغا تاپىلاپ.

ئالدىنقى ئايدىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىدىكى جاشۈيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «كىچىك مور چوڭ كەسىپ» دەپ ماختىغانىدى.

سېرىقگۈل، مور، ئۇششاق زىرائەتلەرگە چوڭ تەدبىرلەر مۇجەسسەملەنگەن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشقا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

باش يازدا بىز باش شۇجىنىڭ ئىزىنى بويلاپ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەق مەيدانىغا كەلدۇق. سېرىقگۈل ھەممە يەرنى قاپلىغان، چاي يوپۇرماقلىرىنىڭ خۇشبۇي ھىدى تارالغان، كالا - قويلار توپ - توپ بولۇپ يايلاۋاتقان ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرگە يۇرتداشلارنىڭ تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان چېھرى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلەر ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

سېرىقگۈل «بېيىش گۈلى»گە ئايلاندى، نامراتلارنى يۆلەشتە كەسىپنى تۇتۇش كېرەك

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، داتۇڭ شەھىرىنىڭ يۈنجوۋ رايونى شىپىڭ بازىرى تاڭجياپۇ كەنتىدە، تۇتاش كەتكەن سېرىقگۈللەر مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى. 45 ياشلىق ئەن چۇنشيا سېرىقگۈلنىڭ يۇرتداشلارنىڭ «بېيىش گۈلى»گە ئايلانغانلىقىغا ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولدى.

«يەنمېنگۇەن سىرتىدىكىلەر پىلە باقمايدۇ، كەندىر تېرىمايدۇ.» يەنشەن - تەيخاڭشەن تېغىدىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونغا جايلاشقان بۇ قاقاس جايدا، كىشىلەر ئىزچىل كۆممىقوناق ۋە قارا ئاشلىققا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن.

گەرچە بۇ جاينىڭ سېرىقگۈل تېرىش ئەنئەنىسى بولسىمۇ، لېكىن پىشىش مەزگىلى ئۈچ يىلغا سوزۇلىدىغان، يەنە كېلىپ ئۈزۈش تەس، قۇرۇتۇش تەس، سۇغىرىش تەس بولغاچقا، يۇرتداشلار ئىزچىل چوڭ كۆلەمدە تېرىشقا جۈرئەت قىلالماي كەلگەنىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بۇرغىسى پۈتۈن مەملىكەتتە ياڭرىدى، بۇ جايدىكىلەر سېرىقگۈل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بەل باغلىدى. ئەن چۇنشيانىڭ ئېرى جاڭ شۇنباۋ كەنت كادىرى بولغاچقا، جەزمەن باشلامچى بولۇشى كېرەك ئىدى. گەرچە كۆڭلىدە ئازراق دېلىغۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا غەيرەت قىلىپ 300 مودىن ئارتۇق يەرنى كۆتۈرە ئالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئائىلىسى يەنە نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلدى.

ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى، يۆلەش سىياسىتى كەينى - كەينىدىن كەلدى: سېرىقگۈل تېرىلغان ھەربىر مو يەرگە 500 يۈەندىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىلدى، سېرىقگۈل قەيەرگىچە تېرىلسا سۇ، توك، يول شۇ يەرگىچە يانداشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقىپ پۈتۈن مەملىكەتتىن ئۈزۈش ئىشچىسى تەكلىپ قىلدى، پۈتۈن رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرى ۋە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يېرى بار ئورۇنلار يازلىق تەتىل مەزگىلىدە سېرىقگۈلنى قۇرۇتۇشقا بىكارلاپ بېرىلدى، سېرىقگۈل تەبىئىي ئاپەت ۋە باھا جەھەتتىن «قوش سۇغۇرتىلاندى»...

«ئائىلىمىزنىڭ سېرىقگۈل ماركىسى بار بولدى، يەنە قۇرۇتۇش سېخى، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى قاتارلىق پىششىقلاش يانداش ئەسلىھەلىرىنى سالدۇق» دېدى ئەن چۇنشيا.

2010 - يىلىدىن ئىلگىرى، يۈنجوۋ رايونىنىڭ سېرىقگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 16 مىڭ موغىمۇ يەتمەيتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئەينى يىلىدىكىدىن ئون ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 700 مىليون يۈەنگە يەتتى. باشلامچى كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سېرىقگۈلنىڭ مەھسۇلات مىقدارى، سۈپىتى مۇقىم بولدى، سېتىش يولى ۋە باھاسىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، بۇلتۇر نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«يۇرتداشلار نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇستەھكەملەش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىپ بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» دېدى ئېتىزلىقتا باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇرتداشلارغا.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى قىلىشتا، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بىر تۇتقا. 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۇ گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەن شەھىرىنىڭ ليەنجياڭكوۋ بازىرى ليەنجاڭ كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق دېدى: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە، شۇنداقلا نامرات رايونلارنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان، ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر.

بىر يىل بولمايلا، 2019 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرى خېنەن كوچىسى مائەنشەن كەنتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپ تەرەققىياتنىڭ ئۇلى، كەسىپ گۈللەنسە، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمى ئاندىن مۇقىم ئاشىدۇ.

گۆش كالىسى باقمىچىلىقىدا نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈشتە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش ئاچقۇچ

تاڭ ئەمدى سۈزۈلۈشى بىلەنلا، كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 46 ياشلىق ما جۈنلىن خوتۇنى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

نىڭشيا گۇيۈەن شەھىرىنىڭ جىڭيۈەن ناھىيەسى داۋەن يېزىسى ياڭ لىڭ كەنتى 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يازنىڭ تۈسىنى ئالدى، بۇ دەل چارۋىلار سەمرىدىغان ۋاقىت ئىدى.

«بىر تۇياق كالىدىن بىر يىلدا ئاز دېگەندە 5000 يۈەن ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغاندا ياخشى كۈن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.» كالا باقمىچىلىقى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ئۈستىدە توختالغاندا ما جۈنلىننىڭ ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى.

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ياڭ لىڭ كەنتىدە تاغنىڭ سىرتىغا تۇتىشىدىغان بىرلا سېمونت يول بار ئىدى. كەنتتىكى كۆپ ساندىكى نامرات ئائىلىلەرگە ئوخشاش، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ يەنىلا كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، نەچچە مو كېلىدىغان ئازغىنا يېرىدە تېرىقچىلىق قىلاتتى، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، كۈنلىرىنى تەستە ئۆتكۈزەتتى. «بېيىش يولى بولمىغان بولسا، نامراتلىقتا ئۆتەتتۇق» دېدى ئۇ.

2016 - يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي ئۇلارنىڭ كەنتىگە تەكشۈرۈشكە كەلدى. «ئەينى چاغدا كەنتتە كالا باقىدىغانلار بولسىمۇ، لېكىن كۆلەملەشمىگەنىدى.» ياڭ لىڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ گۇجيې مۇنداق دېدى: «باش شۇجى بىزنىڭ كەنتكە تەكشۈرۈشكە كەلگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئوتلاق، چارۋىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتا ئىنتايىن زور ئىشەنچكە تولدى».

شۇ جاي دېھقان ئائىلىلىرىنى سېرىق كالا بورداقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئانگۇس سورتىدىكى ئىنەك كىرگۈزدى، بۇ خىل ئىنەكنىڭ موزىيىنىڭ سېتىلىش باھاسى ئادەتتىكى سېرىق كالىدىن 2000 يۈەن يۇقىرى ئىدى.

ئالدىنقى ئايدا، ما جۈنلىن ئۆزى باققان ئۈچ تۇياق كالىسىنى قوتاندىن چىقىرىپ، 15 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى. «مېنىڭ يەنە 12 تۇياق كالام بار، بۇ ئىككى يىلدا كالا بازىرى مۇقىم بولدى، شۇڭا قەرز ئېلىپ قوتان قالدۇقىنى تولۇقلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن» دېدى ئۇ.

كەنتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېتىشتۈرۈش كەسپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ چىقىش يولى قىلىش كېرەك. تۆت يىلدىن بۇيان، ياڭ لىڭ كەنتىدىكى پۇقرالار كەسىپ يولىنى توغرا تېپىپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، بۇ دەل باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى.

2013 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەننىڭ شياڭشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خۇايۈەن ناھىيەسىنىڭ شىبادۇڭ كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «نامرات رايونلار ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نېمە تېرىش، نېمە بېقىش، قەيەردىن باشلاپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك».

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق 2 -، 3 - كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئوخشاشلا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك. 2017 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي جاڭجياكوۋ شەھىرىنىڭ جاڭبېي ناھىيەسى شياۋئېرتەي بازىرى دېشېڭ كەنتىدە: «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ 2019 - يىلى 9 - ئايدا، ئۇ يەنە خېنەن شىنياڭ شەھىرىنىڭ شىنشيەن ناھىيەسى تيەنپۇ يېزىسى تيەنپۇ داۋەندە: «يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كەڭ كۆلەمدە چېقىپ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلماستىن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىش، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى ياخشى ئۆزگەرتىش، ياخشى قوغداش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېشىل تەرەققىيات قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى

فېڭخۇاڭ قەدىمىي شەھىرىدىن چىقىپ، غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئازراق ماڭغاندا، خۇنەن شياڭشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ فېڭخۇاڭ ناھىيەسى لياۋجياچياۋ بازىرى چاڭپۇتاڭ كەنتىگە بارغىلى بولىدۇ.

بۇ يەردە يوۋزى، شاپتۇل، مىجۈ، پېڭگەن، مىخۇتاۋ قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر تاغ - دالىنى قاپلىغان بولۇپ، سېمونت يول تەكشى، پاكىز ئىدى. «كىچىك داچا»لار قاتار - قاتار كەتكەنىدى. قويۇق يوۋزى چېچىكىنىڭ خۇش پۇرىقىدا شاپتۇلنى خالتىغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ۋاڭ ئەنچۈەن ئورنىدىن تۇرۇپ تەرىنى سۈرتكەچ: «كەنتىمىزدە مۇشۇ يىللاردا ئۆزگىرىش بەك چوڭ بولدى!» دېدى.

چاڭپۇتاڭ كەنتىنىڭ تاغ باغرىدا تېرىلغۇ يەر ئاز، تاغ تۆپىدە توپا قاتلىمى نېپىز بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۇزاقتىن بۇيان شال، كۆممىقوناق تېرىش بىلەن تۇرمۇشىنى تەستە ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى. شۇ يەرلىكلەر «قىزى بارلار چاڭپۇتاڭغا ياتلىق قىلماس، ئۆيىدىن ئەسكى سېۋەتتىن باشقىسى چىقماس» دەپ قوشاق توقۇشقانىدى.

«نامراتلىق قالپىقى»نى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن، ۋاڭ ئەنچۈەن قاتارلىق كىشىلەر باشلامچى بولۇپ سىرتقا مېۋىلىك كۆچەت تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە بېرىپ، مېۋە بازىرىنى تەكشۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مىجۈ، پېڭگەن، يوۋزى، مىخۇتاۋ قاتارلىقلارنىڭ سورتىنى كىرگۈزدى، كۆپچىلىك تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئاپتوموبىللارغا قاچىلانغان مېۋىلەر تاغ سىرتىغا توشۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى كۈنسېرى كۆپەيدى.

نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشنى «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بىلەن بىرلەشتۈرۈش» كېرەك −باش شۇجى 2013 - يىلى چاڭپۇتاڭ كەنتىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغاندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ كەنت ئاھالىلىرىگە يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. ۋاڭ ئەنچۈەن مۇنداق مىسال كەلتۈردى: «يوۋزىغا خالتا كىيگۈزۈپ قويىمىز، بىر خالتا ئىككى مو ئەتراپىدا توختايدۇ، لېكىن بۇ مېۋىنىڭ پاكىز، چىرايلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، يەنە دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، ھەربىر يوۋزىنى بىر يۈەندىن ئارتۇق قىممەت ساتقىلى بولىدۇ».

بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن كەنتتىكى خاس مېۋىلىك كۆچەت تىكىلگەن كۆلەم تەرەققىي قىلىپ 4854 موغا يەتتى، چىقىم قىلىشقا بولىدىغان كىشى بېشى كىرىمى 2013 - يىلىدىكى 6121 يۈەندىن كۆپىيىپ 23 مىڭ 419 يۈەنگە يەتتى.

ۋاڭ ئەنچۈەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تېغىمىز نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە تايىنىپ بايلىققا ئايلاندى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ياخشى ساقلايمىز».

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرغان ئىدىيە.

2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئۇ شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەلەپ قىلدى: تەرەققىيات داۋامىدا ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، ئاسمىنى سۈزۈك، بۇلۇتلار لەيلەپ تۇرغان، دەل - دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، كالا - قويلار توپ - توپ يايلاۋاتقان بولۇشنى باشتىن - ئاخىر سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ خاس مەنزىرىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئالدىنقى ئايدا، ئۇ شەنشىنىڭ چىنلىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا يەنە بىر قېتىم: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ھەم تەبىئىي بايلىق، ھەم ئىقتىسادىي بايلىق، دەپ كۆرسەتتى.

يۇرتداشلاردىن ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشنى ئۈمىد قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى.

ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن پايدىلىنىپ سېتىش يولىنى كېڭەيتىش، كۆپ خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ «سېتىش تەس» بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

بۇ ئىككى كۈندىكى بىر قېتىملىق يامغۇردىن كېيىن، تاغدىكى ياۋا ئوتلار بولۇق ئۆسۈشكە باشلىدى. خېنەننىڭ شىنياڭ شەھىرى گۇاڭشەن ناھىيەسىنىڭ ۋېنشۇ يېزىسى دۇڭيۆ كەنتىدىكى سىفاڭجىڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىدا، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى ياڭ چاڭتەي بىر تەرەپتىن، ئوت - چۆپ ئوتاشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كەنت بېشىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش مۇلازىمەت پونكىتىغا بېرىپ، تېز يەتكۈزگۈچى بىلەن مال ئەۋەتىش ئىشلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئالدىرىدى.

«ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ، يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇش ياخشى چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا چاپلانغان بۇ دۈيليەن كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

2011 - يىلى، ياڭ چاڭتەي ئاپتوموبىل ھادىسىسىگە ئۇچراپ يارىلاندى، سالامەتلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈسى كەلدى، ئەمما تېخنىكا بىلمىگەنلىكتىن زور كۈچ سەرپ قىلىپ تېرىغان كۆچەت، گۈل - گىياھلىرى قۇرۇپ كەتتى. پۇل تاپالمايلا قالماي، يەنە بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلدى. «نامرات ئاھالە بولۇپ بېكىتىلگەن چاغدا، بەك نومۇس ھېس قىلدىم» دېدى ئۇ.

يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشى بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ياڭ چاڭتەي ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قۇردى، ئاساسلىقى ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە كۆچەت، گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللاندى. 2018 - يىلىغا كەلگەندە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئەسلىدىنلا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى بىلمەيدىغان ئۇ «تور بىلەن ھەپىلىشىش»كە باشلىدى. دۇڭيۆ كەنتىدىكى قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىپ - يۆلەيدىغان ئورۇن جۇڭيۈەن نەشرىيات تاراتقۇ گۇرۇھى يۈنشۇ تورىنى بەرپا قىلدى، دېھقانچىلىق مەيدانى يۈنشۇ تورى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى، يېرىم يىل ۋاقىتتىلا ياڭ چاڭتەي 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇڭيۆ كەنتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ: يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ۋە تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، ياڭ چاڭتەينىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، توردا سېتىش سالمىقىنى ئاشۇردى.

كەنتتىكى توخۇ باقمىچىلىق كەسپى ئائىلىلىرى، ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىق ئائىلىلىرى، تېرىقچىلىق كەسپى ئائىلىلىرى قاتارلىقلارمۇ بەس - بەستە ئۇنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى سېتىش تورىغا قوشۇلدى، بۇنىڭغا دۇڭيۆ كەنتى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىش قوشۇلۇپ، «دېھقانچىلىق مەيدانى+نامرات ئائىلە+ئېلېكتىرونلۇق سودا»دىن ئىبارەت سېتىش ئەندىزىسى شەكىللەندى.

بېيجىڭ، شاڭخەي، جېڭجوۋ... سېتىش تورى بارغانسېرى كەڭ يېيىلدى، ياڭ چاڭتەينىڭ غەيرىتىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. «ئىلگىرى نەرسە ئەۋەتمەكچى بولساق ناھىيە بازىرىغا باراتتۇق، ھازىر بىر تېلېفون بىلەنلا تېز يەتكۈزگۈچى ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىدۇ.» ياڭ چاڭتەي مۇنداق دېدى: «مەن يەنە توردا ئالقىشلانغان رىياسەتچىنى تەكلىپ قىلىپ دۇڭيۆ كەنتىنى تونۇشتۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ گۈرۈچ، تۇخۇم، ھەسەل، چاي قاتارلىقلىرىنى سېتىپ چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتىمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

ئېلېكتىرونلۇق سودا ئورناتقان كۆۋرۈكلەر كىچىك دېھقانلار بىلەن چوڭ بازارنى تۇتاشتۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆلەملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا باش شۇجى شى جىنپىڭمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 2016 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۇ خېيلۇڭجياڭنىڭ يىچۈن شەھىرىدە يوۋخاۋ ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى 10 مىڭ مو يەردىكى لەنمېي كەسىپ باغچىسىنى تەكشۈرگەندە كۆپچىلىككە مۇنداق تاپىلىدى: ئورمان ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشتە چوقۇم بازارنى تەتقىق قىلىشقا دىققەت قىلىپ، كۆپ خىل ئىگىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەدەپ ئالدىغا چىقىۋېلىشنىڭ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئاق چاي يىلتىز تارتىپ يېڭى بىخ سۈردى، بېيىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىختىساسلىقلارغا تاياندى

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇيجوۋنىڭ پۇئەن ناھىيەسى دىگۇا بازىرى تۈنشاڭ كەنتىدىكى «مىننەتدارلىق چايزارلىقى»دا، جېجياڭلىق چاي مۇتەخەسسىسى چيەن يىرۇڭ چايزارلىقتىكى خىزمەتچى خادىملارغا پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئۆگىتىۋاتاتتى.

«ئېرىقنى تازىلاش ئاساسلىقى يامغۇر پەسلىدە سۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈندۇر، ئېرىق بەك چوڭقۇر بولۇپ كەتمىسۇن، لېكىن چوقۇم يانتۇلۇق بولۇشى كېرەك.» ئۇ بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن چۈشەندۈردى. بىر چەتتە تۇرغان پەرۋىش خادىمى تەن خۇائەي بىلەن جاڭ مېي ئەستايىدىل كۆردى، تەپسىلىي ئاڭلىدى.

2018 - يىلى 4 - ئايدا، جېجياڭنىڭ ئەنجى خۇاڭدۇ كەنتىدىكى 20 دېھقان پارتىيە ئەزاسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئاق چاي تېرىپ بېيىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، 15 مىليون تۈپ چاي مايسىسى ئىئانە قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئويلاش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە.

شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، «ئاق يوپۇرماق 1 - نومۇر»لۇق چاي تېرىلغان 2000 مو «مىننەتدارلىق چايزارلىقى» پۇئەن ناھىيەسى دىگۇا بازىرى تۈنشاڭ كەنتى ۋە بەيشا يېزىسى كاتاڭ كەنتىگە ماكانلىشىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، 862 نامرات ئائىلىدىكى 2577 ئادەمنى قاپلىدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، چاي مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دەسلەپكى ئۇچىنى ئۈزۈشنى كۈتۈۋالدى.

45 ياشلىق تەن خۇائەي «مىننەتدارلىق چايزارلىقى»دا ئىشلەيدىغان نامرات ئاھالە. «ھەر ئايدا 3000 يۈەن مۇقىم مائاش ئالالايمەن، خىزمىتىم مۇقىم، يەنە ئائىلەمدىن خەۋەر ئالالايمەن.» تەن خۇائەي مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۈچۈن جېجياڭ ئەنجىدىكى ئىئانە قىلغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چايزارلىق قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغانلىقىغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن».

بۇ يىلدىن بۇيان، تۈنشاڭ كەنتىدىكى «مىننەتدارلىق چايزارلىقى»دا دەسلەپكى ئۇچىنى ئۈزۈش، ئوت ئوتاش، ئوغۇتلاشقا 3180 ئادەم قېتىم ئىشچى ئىشلىتىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر يىلىدىن باشلاپ كۆلەملىك يىغىۋېلىش تەدرىجىي كۈتۈۋېلىنىدۇ.

«سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما.» كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جياڭ چېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: «ئەڭ ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش ئۇسۇلى ئاق چاينى ياخشى تېرىپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاق چاي كەسپى ئارقىلىق بېيىش يولىغا مېڭىش».

خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بېيىشنى ئۇزاققىچە مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ھەممىسىگە ئىختىساسلىقلار زۆرۈر بولىدۇ. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئىختىساسلىقلار مەسىلىسىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. 2018 - يىلى 2 - ئايدا، ئۇ دالياڭشەن تېغىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان سىچۇەن جاۋجۆ ناھىيەسىنىڭ سەنچاخې يېزىسى سەنخې كەنتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تەلەپنى كادىرلار، ئاممىغا قويدى: يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنى مەدەنىيەت ئۆگىنىشكە، ماھارەت ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، يەنە ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش كېرەك.

«نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە!