يېڭى يول ئېچىش  يېڭى سەھىپە پۈتۈش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىدىن خاتىرە

日期:2020年05月14日
来源:新疆日报
【字体:

ھەيۋەتلىك تەيخاڭشەن تېغى، تۇتاش كەتكەن لۈلياڭ، قاتمۇقات يېشىل تاغلار، مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان فېنخې دەرياسى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىنىۋاتقان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىنىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىگە كېلىپ، يېزىلارغا بېرىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىسلاھاتنى تەكشۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم سەنشىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى. ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، مەن سەنشىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم».

ئۇ سەنشىنىڭ بۇ يىللاردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات، ئېكولوگىيەنى ئاسراش، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، سەنشىنى تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى يولىنى تىرىشىپ ئېچىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سەنشىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

«غەم تۈگىتىش ئوتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش گۆھىرى»

«باش شۇجى، يەنە بىر ئايدىن كېيىن بۇ يەردىكى سېرىقگۈل راسا ئېچىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، شۇ چاغدا ھەممە يەر ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، ھەممە شادلىققا تولىدۇ!»

ئىللىق قۇياش نۇرى كەڭ ئېتىزلىققا چېچىلىپ تۇراتتى، داتۇڭ شەھىرىنىڭ يۈنجوۋ رايونىدىكى ئورگانىك سېرىقگۈلنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى سېرىقگۈل مايسىلىرى بىر چى ئېگىزلىكتە ئۆسكەن بولۇپ، ياپيېشىل يوپۇرماقلىرى كۆككە قاراپ يېيىلغانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېتىزلىقتا كۆز ئالدىدىكى بىر پارچە ئۈمىد ئېتىزىغا باقتى، چېھرىدىن خۇشاللىق تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تۇنجى بېكىتى بولغان داتۇڭغا كەلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇرتداشلار نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇستەھكەملەش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىپ بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتۇر. ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، باش شۇجى ئۇدۇل ئېتىزلىققا بېرىپ، شۇ جاينىڭ سېرىقگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

سېرىقگۈل يەنە نەغەزگۈل، غەم تۈگىتىش ئوتى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھەم يېيىشكە بولىدۇ، ھەم دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. داتۇڭدا سېرىقگۈل ئۆستۈرۈش 600 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆلچەملەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئۆستۈرۈش كۆلىمى 260 مىڭ موغا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. دەل قەدىمكىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك: «دېھقانلارنىڭ گۆھىرى يوق دېمەڭ، ھەممە يەردىكى سېرىقگۈل ئالتۇندۇر» دېگەندەك بولدى.

كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزدا ئوت ئوتاۋاتاتتى، تۇپراقنى بوشىتىۋاتاتتى، ئۇلار باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا چۆرىدەپ كېلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلاشتى: يەرنى ئوبوروت قىلدىڭلارمۇ؟ بىر مو يەرگە نەچچە پۇل بېرىدۇ؟ ئۇنىڭغا ئىشلەپ تاپقىنىڭلارنى قوشقاندا، بىر يىلدا نەچچە پۇل تاپالايسىلەر؟

كۆپچىلىك باش شۇجىغا يەرنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن ھەر مو يەردىن يىلدا 500 يۈەن كىرىم قىلىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە ئىشلەپ بىر كۈندە يەنە 150 يۈەن تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يىللاردا باشلامچى كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سېرىقگۈلنىڭ ھوسۇلى، سۈپىتى مۇقىم بولدى، سېتىش يولى ۋە باھاسىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، بۇلتۇر نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ئەسلىدە كۆپ تېرىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدۇق، ھازىر بازىدا پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلدى، قاقلاپ قۇرۇتۇش، پىششىقلاش، زاپاس ساقلاش، سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، سېرىقگۈلنى بارغانسېرى كۆپ تېرىۋاتىمىز، كىرىمىمىزمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىلىرى ھاياجانلانغان ھالدا.

كۆپچىلىكنىڭ «بېيىش دەستۇرى»نى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى: «مەن ئۆتكەن ئايدا شەنشىنىڭ چىنلىڭ تاغلىق رايونىدىكى جىنمى كەنتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنتكە باردىم، ئۇ يەردە مور ئۆستۈرۈش كەسىپلىشىپتۇ، مەن ئۇلارنى <كىچىك مور چوڭ كەسىپ> دەپ تەرىپلىدىم. سىلەرنىڭ بۇ يەردىمۇ <كىچىك سېرىقگۈل چوڭ كەسىپ> بولۇپ، ناھايىتى چوڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە».

ئۇ شۇ جايدىكى كادىرلارغا مۇنۇلارنى تاپىلىدى: چوقۇم سېرىقگۈلدىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى يۇرتداشلارنىڭ بېيىشىدىكى ياخشى يولغا ئايلاندۇرۇڭلار، ئاممىنىڭ «بېيىش گۈلى»گە ئايلاندۇرۇڭلار. «كوممۇنىستلار خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىشى، خەلققە بەخت يارىتىشى، ھەقىقىي تۈردە پۇقرالارغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشى، قەيەردە ئەمەل تۇتسا شۇ يەرگە بەخت يارىتىشى كېرەك».

داتۇڭدا سېرىقگۈلگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلاردىن يۈرۈشلۈك مەھسۇلات شەكىللەندى. سېرىقگۈل مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالىدا قۇرۇتۇلغان سېرىقگۈل، سېرىقگۈل مۇرابباسى، سېرىقگۈل پىرەنىكى، سېرىقگۈلدىن ياسالغان گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق ھەر خىل مەھسۇلاتلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. چوڭقۇر پىششىقلاش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى، شۇ جايدىكى پۇقرالار بەخت يولىنى تاپتى. كۆرگەزمە زالىنىڭ تېمىغا «غەم تۈگىتىش ئوتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش گۆھىرى» دېگەن لوزۇنكا چاپلانغان بولۇپ، سېرىقگۈل ئۆستۈرۈشنىڭ يۇرتداشلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى جانلىق چۈشەندۈرۈلگەنىدى.

شى جىنپىڭ سېرىقگۈل مەھسۇلاتلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داتۇڭ سېرىقگۈلىنى مەملىكەت بويىچە داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇپ، يۇرتداشلارنى بېيىتىپ، غەمدىن خالاس قىلىش كېرەك».

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى باش شۇجىغا ئۆزلىرىنىڭ «كەسىپ تەرەققىياتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرگەنلىكى»دەك تەرەققىيات پىكىر يولىنى دوكلات قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «سەنشىدە تاغ كۆپ، يەر كۆپ، يەر شەكلى كۆپ مەنبەلىك، كىلىماتى كۆپ خىل، بۇنداق ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكى سەنشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ چىقىش يولىنىڭ «خاس» ۋە «ئەلا» بولۇشىنى بەلگىلىگەن. يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك».

«تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا»

سېرىقگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىغا ئانچە يىراق بولمىغان شىپىڭ بازىرى فاڭچېڭ يېڭى كەنتى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش كەنتى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋە كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تايىنىپ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

قاتار - قاتار ئاق تاملىق، لەمپىلىك بىر قەۋەت ئۆيلەر شىمالىي سەنشىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ئاددىي، كەڭ - كۇشادە، رەتلىك ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئازادە، پاكىز سېمۇنت يولنى بويلاپ، يېڭى كەنتكە كىردى.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ شىگۇي باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: 2018 - يىلىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى دافاڭچېڭ كەنتى ۋە شىزۈي كەنتىدىكى 210 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئۈنۈمسىز يانباغىر، شورلۇق يەردىكى توپا گەمىدىن ئارقا - ئارقىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

كەنت ئاھالىسى بەي گاۋشەننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ھويلىدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەر باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«بۇ سەي كاۋىسى، بۇ خاڭگا، بۇ شوخلىلار مېۋىگە كىردى، ئاۋۇ ئىككىسى ئالما دەرىخى.» بەي گاۋشەن بىرمۇبىر تونۇشتۇردى.

«بۇ مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلار سىلەر بىر ئائىلىنىڭ يېيىشىگە يەتكۈدەك» دېدى باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ.

مېھمانخانا ئۆيدىن ئاشخانىغىچە، ياتاق ئۆيدىن تازىلىق ئۆيىگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى تەپسىلىي كۆردى. چۈشتىن كېيىنكى قۇياش نۇرى ھويلىغا چۈشكەن بولۇپ، ئۆي ئىچى تېخىمۇ يورۇپ كەتكەنىدى. ئاسما تورۇس، ئاق تام، يەرگە ياتقۇزۇلغان چىنە خىش، توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلېۋىزور، گاز ئوچاق، بۇ، ئىلگىرىكى توپا گەمىگە سېلىشتۇرغاندا ئاسمان - زېمىن پەرقلىنەتتى.

بەي گاۋشەن بىر پارچە كونا سۈرەتنى ئېلىپ باش شۇجىغا كۆرسەتتى، سۈرەتتىكىسى ئۇ يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى 40 نەچچە يىل تۇرغان توپا گەمە ئىدى.

شى جىنپىڭ سۈرەتنى ئېلىپ تەپسىلىي كۆرۈپ سورىدى: «ھازىرقى بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشكە قانچە پۇل خەجلىدىڭىز؟» بەي گاۋشەن باش شۇجىغا بۇلتۇر ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن 10 مىڭ يۈەن خەجلەپلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

«كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر ئاساسلىقى نېمە ئىش قىلدى؟ كىرىمىڭلار قانداقراق؟» دەپ سورىدى شى جىنپىڭ ئۇلاپلا.

بەي گاۋشەننىڭ ئوغلى بەي لىجۈن باش شۇجىغا يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ ياردىمىدە كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىدە ئوقۇپ، كەپشەرلەش ئىشچىسى بولغانلىقىنى، بۇلتۇر 40 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

«ھازىر باشقا كەنتتىكى قىزلار بۇ يەرگە ياتلىق بولۇشنى خالايدىغاندۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ.

«شۇنداق بولمايچۇ! بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، باشقىلارمۇ كېلىشنى خالايدىغان بولدى. ئوغلۇم ئەسلىدە ئىزچىل بويتاق ئىدى، بۇلتۇر خوتۇن ئالدى، بۇ يىل ئەر - خوتۇن ئىككىمىز نەۋرىلىك بولدۇق.» بەي گاۋشەن كۈلۈپ ئاغزىنى يۇمالماي قالدى. «ئۆي سېلىش، خوتۇن ئېلىش بىز دېھقانلارنىڭ ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشىمىز، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز!»

«كوممۇنىستىك پارتىيە پۇقرالارنىڭ بەختىنى كۆزلەيدۇ، ھازىر قالدۇرۇق ئېلىنماي، باج ئېلىنماي، ھەق ئېلىنماي، ئاشلىق تاپشۇرۇلمايلا قالماي، قىيىنچىلىقى بار يۇرتداشلارغا دورا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ئۆي سېلىپ بېرىلىدۇ، تېخنىكا ئۆگىتىلىدۇ، بېيىش يولى تېپىپ بېرىلىدۇ.» بۇ بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قاراپ شى جىنپىڭ مۇنداق سورىدى: «بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ يەنە قانداق ئويۇڭلار بار؟»

«كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى بەي گاۋشەن.

«چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ! تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا!» باش شۇجىنىڭ سۆزى ئۆي ئىچىنى كۈلكە ساداسىغا تولدۇردى.

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى يولغا قويۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «سەنشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، 58 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، لېكىن يەنىلا 20 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى، 120 مىڭدىن ئارتۇق قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس ۋە نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار نامراتلىق گىرۋېكىدىكى نوپۇس بار. بۇ نامرات نوپۇسلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك».

«سۈزۈك سۇنى خۇاڭخې دەرياسىغا ئاققۇزۇش كېرەك»

باش ياز مەزگىلىدە، فېنخې دەرياسىنىڭ سۈيى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇلغىيىپ، زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇردى.

فېنخې دەرياسى تەييۈەن شەھەر رايونى جىنياڭ كۆۋرۈكى بۆلىكىدە، بۇلتۇر ئەمدىلا قاتناش باشلانغان جىنياڭ كۆۋرۈكى زۇمرەتتەك سۇنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەنىدى، كۆۋرۈكتە ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، فېنخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، فېنخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە شەھەر مۇھىتى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

فېنخې دەرياسى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككىنچى چوڭ تارماق ئېقىنى، سەنشىنىڭ ئانا دەرياسى. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، قەدىمكىلەر بۇ يەردە «ئولتۇرۇپ راۋاق كېمىدە يۈرۈپ كەتتۇق فېنخې دەرياسىدا، ھاسىل بولدى ئاق دولقۇنلار پالاقلارنىڭ ئۇرۇلۇشىدا.» دېگەن گۈزەل مىسرالارنى قالدۇرغان. ھالبۇكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئېقىن رايونىدىكى قېزىلما بايلىقلار زىيادە ئېچىلغانلىقتىن، ئېكولوگىيە زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، فېنخې دەرياسىنىڭ سۇ سۈپىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى، بەزى دەريا بۆلەكلىرىدە ھەتتا ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالدى.

2017 - يىلى 6 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «فېنخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشقا چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سەنشىنىڭ بۇ ئانا دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارىنى ئۇلغايتىش، سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش، مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك.» ئۇ سەنشىدىن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، تەبىئىي ئېكولوگىيەنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايونلۇق، پۈتۈن جەريانلىق قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، سەنشى «ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر»نى ئوتتۇرىغا قويدىمۇ؟ ئۈنۈمى قانداق بولدى؟

فېنخې دەرياسى قىرغىقىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ تەييۈەن شەھىرىنىڭ فېنخې دەرياسى ۋە «توققۇز ئېقىن»نى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.

«توققۇز ئېقىن» فېنخې دەرياسىنىڭ تەييۈەن شەھەر رايونىدىكى توققۇز ئاساسلىق تارماق ئېقىننى كۆرسىتىدۇ، ئىلگىرى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش يۇندىلىرىنىڭ دەرياغا بىۋاسىتە چىقىرىۋېتىلىشى سەۋەبىدىن سېسىق سۇ ئازگىلىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. فېنخې دەرياسىنىڭ سۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەييۈەن شەھىرى «توققۇز ئېقىن»نى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش، نەملىكنى ئاشۇرۇش، لاتقىلارنى تازىلاش، قىرغاقنى كۆكەرتىش، سۇ يۆتكەشتىن ئىبارەت «بەش تەدبىرنى تەڭ يولغا قويدى».

تەييۈەن شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار تەپسىلىي دوكلات قىلدى: «بىز ئېقىن رايونىدا سۇ تېجەشنى چىڭىتىپ، چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىدا سۇ تېجەش ئۆزگەرتىشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، ئېقىن رايونىدىكى نورمىدىن ئارتۇق قېزىلغان 13 رايوننى تۈزىدۇق، يەر ئاستى سۇ ئورنى ئۇدا ئون يىل ئۆرلىدى؛ فېنخې دەرياسىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىغا قويۇلۇش ئېغىزىنىڭ سۇ سۈپىتى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا ناچارⅴتۈردىن مۇقىم چېكىنىپ چىقتى؛ ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، توققۇز ئېقىن سۇ سىستېمىسىنىڭ جەنۇب - شىمال ئىككى قىرغىقىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، 15 مېتىرغا كېڭەيدى».

فېنخې دەرياسىنىڭ «سۈيىنى موللاشتۇرۇش، سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش، مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش»نىڭ تەدرىجىي ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى توختىماي بېشىنى لىڭشىتتى: «ھەقىقەتەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بوپتۇ! تەييۈەننىڭ قەدىمدىن تارتىپ <گۈزەل تەييۈەن شەھىرى، ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن قورشالغان، بىر دەريا ئارقىلىق ئوتتۇرىدىن بۆلۈنگەن» دېگەن گۈزەل نامى بار، بۈگۈنكى كۈندە گۈزەل تەييۈەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى رېئاللىققا ئايلانماقتا.» ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: فېنخې دەرياسىنى تۈزەش سەنشىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە تەييۈەن ھەتتا سەنشىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

فېنخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا، ھاۋا ئوچۇق، مەيىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، يىراقتىكى شىسەن تېغىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. سۇ يۈزىدە بىر قىسىم تۇلۇم قولۋاق تەنھەرىكەتچىلىرى قىزىل رەڭلىك كىچىك قولۋاقنى ھەيدەپ ئۇچقاندەك ئۆتۈشمەكتە ئىدى.

باش شۇجى فېنخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنى بويلاپ پىيادە كۆزدىن كەچۈرگەچ، ئارىلاپ توختاپ زەن قويۇپ قارىدى: «ئىلگىرى ھەممىسى <يول، كۆۋرۈك، تونېل، تۆمۈريول، تاشيول، ئايروپورت> ياساش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، ھازىر ناھىيە دەرىجىلىكلەر شەھەرنىڭ يېشىل ئۆزگەرتىشىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش. شەھەر قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى بىر شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساپاسىنى نامايان قىلىدۇ، قەتئىي بوشاشماي داۋاملىق تۇتۇش كېرەك».

ئۇ سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «فېنخې دەرياسىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ياخشى تۈزەپ، قەدىمكى جىنياڭدىكى فېنخې دەرياسىدىن كېچىلەپ ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى قايتا نامايان قىلىپ، سۈزۈك سۇنى خۇاڭخې دەرياسىغا ئاققۇزۇش كېرەك».

سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېشىل تەرەققىياتنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى: «سىلەرنىڭ بۇ يەر شىمالىي جۇڭگونىڭ سۇ مۇنارى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئورنى، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قورشاپ مۇھاپىزەت قىلىشتىكى مۇھىم توسۇق».

ئۇ «يوۋيۈ روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردا تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك، دەيدىغان مەنزىل بولۇشى، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىدىغان سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى قىلماسلىقى، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كەلگۈسىگە بولىدىغان، ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك».

«تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى يولىنى تىرىشىپ ئېچىش كېرەك»

سەنشى دۆلىتىمىزدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان بىرىنچى چوڭ ئۆلكە، مۇھىم ئېنېرگىيە، ئېغىر خىمىيە سانائىتى بازىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، لېكىن كەسپى يەككە بولۇش، قۇرۇلما مۇۋاپىق بولماسلىق مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن تەخىرسىز، ئىنتايىن مۈشكۈل.

يېڭى دەۋردە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەنشىگە دۆلەت بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئىسلاھات تەجرىبە رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ۋەزىپىنى تاپشۇردى. سەنشى مەملىكەت بويىچە پۈتۈن ئۆلكە رايونلۇق، ھەر تەرەپلىمىلىك، سىستېمىلىق دۆلەت بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بىرىنچى ئىسلاھات تەجرىبە رايونىغا ئايلاندى. 2017 - يىلى 6 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، سەنشىنىڭ «بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپ ئەلا، سۈپىتى يۇقىرى، ئۈنۈمى ياخشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەرەققىيات يېڭى يولىنى ھەقىقىي تېپىپ چىقىش»ىنى ئۈمىد قىلدى. 2019 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 8 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «سەنشىنىڭ ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، سەنشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىنى قوللىدى.

ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىلگىرىلىشى قانداق بولدى؟ 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشى تىپ ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «بۇ تۈرلۈك ئىسلاھات مەن 2009 - يىلى سەنشىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان تېما. بۇ ئىشقا مەن باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن دىققەت قىلىپ كەلدىم».

كۆرگەزمە زالىدا سەنشىنىڭ «سۇمۇرغنى ئوتتا تاۋلاپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش»تەك ئاجايىپ مۇساپىسى مۇجەسسەملەنگەن: تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتى، ئىلمىي پىلانلاش - ئورۇنلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسى يېتىلدۈرۈش... تۈرلۈك «كۈچلۈك، يادرولۇق» پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپى يېتىشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەشنى بىۋاسىتە نامايان قىلدى. باش شۇجى ناھايىتى تەپسىلىي كۆردى.

«سەنشى ئىلگىرى يالغۇز كۆمۈر كەسپىنىلا زورايتىپ، كۆمۈر ئارقىلىق گۈللىنىپ، كۆمۈر سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى زىيادە يەككە بولۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەگە بولغان بۇزغۇنچىلىقى ئېغىر بولدى، شۇنداقلا بىرمەھەل سىياسىي ئېكولوگىيەگە ناچار تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەنشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشتا ھەم تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلان بولۇشى كېرەك، بايلىقنى قۇرۇتۇۋېتىپ ئاندىن تىپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىدىن زور ئۈمىد كۈتتى: «يول توغرا بولسا داۋاملىق مېڭىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، قايتىلىماسلىق، تەكرارلىماسلىق كېرەك. سەنشىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش جەھەتتە باشلامچىلىق بىلەن يېڭى يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

تەييۈەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى داتلاشماس پولات سىپتا تاسما پولات چەكلىك شىركىتى سېخىدا، چىشلىق چاقلار ئۇچقاندەك پىرقىراپ، ماشىنا گۈركىرەۋاتاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشقا دائىر ئۈلگە مىساللىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

پارقىرىتىش ماشىنا گۇرۇپپىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ توختاپ زەن سېلىپ قارىدى، قەغەزدەك نېپىز، پارقىراق كۈمۈش رەڭلىك نېپىز ماتېرىياللار يۆگەش ماشىنىسىغا ئەگىشىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۈيىنى ياندۇرۇش ئوچىقىغا ئاستا - ئاستا يەتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقىنى بىر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز، سىپتا داتلاشماس پولات بولۇپ، قېلىنلىقى ئاران 0.02 مىللىمېتىر، ئادەتتىكى A4 قەغەزنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ كېلەتتى، يىرتىش ئاسان بولۇپ، ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات» دەپ ئاتالغان. «قالتىس» ئالەم قاتنىشى - ئاۋىياتسىيە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېلېكتىرون، يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىن تارتىپ ھازىرقى بىرمەھەل ئەۋج ئالغان قاتلىما ئېكرانلىق يان تېلېفونغىچە ھەممىسىدە ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى بار.

«بىز ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 700 قېتىمدىن ئارتۇق تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر تەتقىق قىلىپ ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق، نۆۋەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە تەۋە» دېدى شىركەتنىڭ مەسئۇلى پەخىرلەنگەن ھالدا.

شى جىنپىڭ قولىغا بىر پارچە «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات»نى ئېلىپ تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، قولى بىلەن يېنىك تولغاپ تۇرۇپ ئىختىيارسىز ماختىدى: «ھۈنەر - سەنئىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، خۇددى پال - پال قەغەزگە ئوخشاش نېپىز ئىكەن، پولات كۆپ تاۋلىنىپ ئەۋرىشىم قىلىنىپتۇ».

تەييۈەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى داتلاشماس پولات، سىپتا تاسما پولات چەكلىك شىركىتى «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات»تىن ئىبارەت بۇ كوزىر مەھسۇلاتقا تايىنىپ تېز تەرەققىي قىلدى، شۇنداقلا سەنشىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

«تەييۈەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى سەنشى، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پولات - تۆمۈر ياساش ساھەسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم كارخانا بولۇپ، سەنشىنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رولغا ئىگە.» ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىشىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۆرىدەپ كەلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى: «سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقتا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئىلغار ياسىمىچىلىققا تىرەك بولۇش جەھەتتە يېڭى، تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىدا، سەنشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭكىدىن تېز بولدى، كۆمۈردىن باشقا سانائەت، ياسىمىچىلىقنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆمۈر سانائىتىنىڭكىدىن تېز بولدى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى تەدرىجىي ئەلالاشتى، سەنشىنىڭ ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇشى ۋە دۆلەت بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى تەجرىبە رايونى قۇرۇشىنىڭ غايەت زور ئۈنۈم ئېففېكتى تەدرىجىي نامايان بولماقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «سەنشى ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يىرىك تەرەققىيات شەكلىنى تۈپتىن چۆرۈپ تاشلىشى كېرەك».

سەنشى ئىلگىرى كۆمۈر سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۆلكە بولۇپ، ھازىر يېڭى دەۋردىكى تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقماقتا!