گۇاڭشى لىڭيۈن: چايچىلىق دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

日期:2020年04月20日
来源:新疆日报网
【字体:

4-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان گۇاڭشىلىڭيۈن ناھىيەسى جيايوۋ بازىرىدىكى چايزارلىقنىڭمەنزىرىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ساۋ يىمىڭ فوتوسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشى لىڭيۈن ناھىيەسى شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، چاي كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، چاي ئىشلەپچىقىرىشنى شۇ جاينىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى خاس كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى تېپىپ چىقتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، لىڭيۈن ناھىيەسىدە چايچى دېھقان 50 مىڭدىن ئاشقان، پۈتۈن يىللىق قۇرۇق چاينىڭ مەھسۇلات قىممىتى 500 مىليون يۈەندىن ئاشقان، نۇرغۇن نامرات ئامما چايچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرغان.

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، گۇاڭشى لىڭيۈن ناھىيەسى جيايوۋ بازىرىدىكى ئامما شۇ جايدىكى بىر چاي كارخانىسىنىڭ كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى چايزارلىقتا چاي يوپۇرمىقىئۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ خۇا فوتوسى

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، گۇاڭشى لىڭيۈن ناھىيەسىدىكى بىر چاي كارخانىسىنىڭ چاي ياساش ئۇستىسى ئەمدىلا ئۈزگەن يېڭى چاينى ئايرىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ خۇا فوتوسى

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، گۇاڭشى لىڭيۈن ناھىيەسىدىكى بىر چاي كارخانىسىنىڭ چاي ياساش ئۇستىسى چاينىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ساۋ يىمىڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، گۇاڭشى لىڭيۈن ناھىيەسىدىكى بىر چاي كارخانىسىنىڭ ئىشچىلىرى چايلارنى دەرىجىسى بويىچە ئايرىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ساۋ يىمىڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، گۇاڭشى لىڭيۈن ناھىيەسىدىكى بىر چاي كارخانىسىنىڭ چاي ياساش ئۇستىسى چايلارنى قۇرۇتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ساۋ يىمىڭ فوتوسى