4-ئاينىڭ 19-كۈنى، فۇجيەن شىشى خۇايۇڭ يېڭى ماتېرىيال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىشلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 4-ئايدىن بۇيان، فۇجيەننىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك مۇھىم بازىرى شىشى شەھىرىدىكى ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى، كۆلەمدىن يۇقىرى 180توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىسى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %96تىن ئاشتى. شارائىتى بار كارخانىلار ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، سەھىيە مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىپ، بازارغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ يى فوتوسى)
4-ئاينىڭ 19-كۈنى، فۇجيەن شىشى شىنيۈەنخۇي خىمىيەۋى تالا توقۇمىچىلىق شىركىتىدە، ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسرىماقتا.
4-ئاينىڭ 19-كۈنى، فۇجيەن شىشى خۇڭشىڭ بوياش، توقۇش چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىشلىمەكتە.