«قەلبداشلار دېھقانچىلىق مەيدانى» مېيىپلەرگە ياردەم بېرىپ كىرىمىنى ئاشۇردى

日期:2020年04月20日
来源:新疆日报网
【字体:

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى «قەلبداشلار دېھقانچىلىق مەيدانى»دا ئەمگەك قىلماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2018-يىلىدىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى يۆلۇ رايونى ليەنخۇاشەن كەنتىگە جايلاشقان شاڭشەن مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش مۇلازىمەت مەركىزى «قەلبداشلار دېھقانچىلىق مەيدانى» تۈرىنى يولغا قويدى، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ تۈر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆكتاتلىقىنى تونۇپ تاپشۇرۇۋېلىپ، تېرىش ۋە ھوسۇل ئېلىشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شاڭشەن مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش مۇلازىمەت مەركىزى مېيىپلەرنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق قىلىشىغا يېتەكچىلىكقىلىشقا تەشكىللىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر 32 مېيىپ كىشى بۇ تۈرگە قاتناشقان بولۇپ، ھەر ئايدا نەچچە ئون يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چېن جېنخەي فوتوسى)

بۇ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان «قەلبداشلار دېھقانچىلىق مەيدانى» (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى «قەلبداشلار دېھقانچىلىق مەيدانى»دا يەر ئوتىماقتا.

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى بىلەن مېيىپ كىشى (ئوڭدا) «قەلبداشلار دېھقانچىلىق مەيدانى»دا تېرىقچىلىق پىلانى ئۈستىدە كېڭەشمەكتە.

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، مېيىپلەر«قەلبداشلار دېھقانچىلىق مەيدانى»دا ئەمگەك قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 18-كۈنى، مېيىپ كىشى(سولدا) «قەلبداشلار دېھقانچىلىق مەيدانى»دا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يەر ئاغدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.