ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى

日期:2018年12月20日
来源:新疆日报网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 40 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى تامامەن توغرا بولغان، شەكىللەندۈرگەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرى تامامەن توغرا بولغان.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 40 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى زامانىۋىلىشىشقا يۈرۈش قىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى، ئۇلارغا پارلاق ئىستىقبال كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 40 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەردانە قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

خەلق سارىيى ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى، 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا چىراغ نۇرى چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن بەلگىسى ئېسىلغان، كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ۋە «2018− 1978» دېگەن سان ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە بۆلۈپ رەتلىك تىزىلغانىدى.

شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

سائەت 10 دا، لى كېچياڭ تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان خادىملارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. قاراردا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈ مىن قاتارلىق 100 نەپەر يولداشقا «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» نامىنى، ئىسلاھات ئاۋانگارتى مېدالى بېرىشنى؛ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، ئالىن مەرىيئو قاتارلىق ئون نەپەر خەلقئارالىق دوستقا «جۇڭگو ئىسلاھات دوستلۇق مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى. (قارارنىڭ تولۇق تېكىستى 3- بەتكە بېرىلدى). يىغىندا «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» نامى بېرىلگەن ۋە «جۇڭگو ئىسلاھات دوستلۇق مېدالى» بېرىلگەن خادىملارنىڭ ئىسىملىكى ئوقۇلدى.

«باھاردىكى ھېكايە» مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» نامىغا، «جۇڭگو ئىسلاھات دوستلۇق مېدالى»غا ئېرىشكەن خادىملار ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقاتتى.

ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خادىملارنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. پىيونېرلار ئۇلارغا چىرايلىق گۈل تەقدىم قىلدى.

قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش تارىخىي خاراكتېرلىك قارارى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئاساسىدا، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەش ئاساسىدا، دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر كۆزىتىش ئاساسىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا چىقىرىلغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئويغىنىشى، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئويغىنىش پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھالقىشىغا تۈرتكە بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش «4- ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يۈزبەرگەن ئۈچ ئۇلۇغ تارىخىي ۋەقە، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ ئۇلۇغ ئابىدە. يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ھازىرلاپ بەردى ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىپ بەردى. يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي قارارنى چىقىرىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلدى. يولداش جياڭ زېمىننى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدىكى ئىسلاھات نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى ئورنىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 21- ئەسىرگە يۈزلەندۈردى. يولداش خۇ جىنتاۋنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى يېڭى ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ، ئەمەلىيەتنى يەكۈنلەش، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور دەۋر تېمىسىغا چوڭقۇر جاۋاب بەردى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىگە قارىتا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش ياساپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. 40 يىلدىن بۇيان، بىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دادىل سىناپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزگەرتىپ، يېڭى زېمىن ئاچتۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، يېڭى مەزگىلنى باشلاشتىن يېڭى ئەسىرگە ھالقىپ كىرىشكىچە، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇشتىن يېڭى دەۋرگە كىرىشكىچە، 40 يىل بوران- چاپقۇندا بىللە بولدۇق، 40 يىل تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭدۇق، 40 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان، ھەيۋەتلىك تارىخ كارتىنىسىنى سىزىپ، يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ۋە سەلتەنەتلىك، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان كۈرەش قەسىدىسىنى پۈتتى.

شى جىنپىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دىپلوماتىيە خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، باشقىلار بىزگە ئىلتىپات قىلىپ بەرگەنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جاپالىق ئەمگىكى، ئەقىل- پاراسىتى، جاسارىتىگە تايىنىپ ياراتقان. بىز نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملىدۇق. جۇڭگو خەلقىنىڭ قولىدا، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى. بىز دۇنياۋى مۆجىزىلەرنى ياراتقان جۇڭگو خەلقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز، چەكسىز پەخىرلىنىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت. بىرىنچىدىن، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، خەلقنى مەركەز قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلرايىغا ماسلىشىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچ چىقىرىپ، خەلقنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، خەلقنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، دەۋرنىڭ سوئالىغا، خەلقنىڭ سوئالىغا دەل ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، ماركسىزملىق تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. بەشىنچىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئالتىنچىدىن، تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مول ماددىي ئاساس سېلىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىق كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بارلىق چىرىك ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تازىلاپ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توققۇزىنچىدىن، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىپ، ھەم دادىل سىناشقا، دادىل بۆسۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قوشۇنىنى قۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئارقا تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىش بېجىرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدىغان قىلىشىمىز، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇلۇغ شان- شەرەپلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92- يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇلۇغ ئارزۇغا ساقلاپ تۇرۇپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ، شوئار توۋلاپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بەلكى ئېلىشىش ئارقىلىق، ئىشلەش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىز ھازىر پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا دولقۇن تېخىمۇ كۈچەيگەن، ئادەم يېرىم يولغا بارغاندا يول تېخىمۇ تىكلەشكەن ۋاقىتتا، ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى قىيىنچىلىق كۆپەيگەن، ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى خەتەر كۆپەيگەن، يەنە كېلىپ ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىدىغان، ئىلگىرىلىمىسەك قەتئىي بولمايدىغان ۋاقىتتا تۇرۇۋاتىمىز. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە كۈرمىڭلىغان تاغ- دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، لېكىن، يەنە تاغ- داۋانلاردىن ئېشىشىمىزغا، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. ھەممە كەسكىن رىقابەتلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ دەۋردە، بىز قىلچە مەغرۇرلانماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئازراقمۇ ئىككىلەنمەسلىكىمىز، گاڭگىراپ يۈرمەسلىكىمىز كېرەك، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، دەۋر دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن مەزمۇت تۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭگو خەلقى ناھايىتى نۇرغۇن ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، ناھايىتى نۇرغۇن قۇربانلارنى بەردى، ناھايىتى نۇرغۇن كۈرەشلەرنى قىلدى. ھازىر جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ مۇساپىسىدە توپلىغان قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە تولۇق پارتلاپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلىرىنى يارىتىدۇ، دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر چوڭقۇر خۇلاسىلەندى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىلىرى يۈكسەك مەدھىيەلەندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋاملىشىدۇكى، تاماملانمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئىسلاھات قەتئىي تەۋرەنمەي ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، دەيدىغان ئىشەنچ ۋە ئىرادە تەنتەنىلىك جاكارلاندى، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش نىشان، تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

تەبرىكلەش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن خادىملار ھەم تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇپ تەقدىرلەنگەن خادىملار ھەم تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ- ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ھەم ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ 3000 غا يېقىن كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  12- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر:قەلبىنۇر